تۈركىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-11-12
Share
ikki-jumhuriyet-istanbul-1.jpg ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 12-نويابىر.
RFA/Arslan

11‏-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەينى ۋاقىتتا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا بىر قىسىم تۈرك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، نەجمەتتىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ، 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «ئىلمى چۈشەنچە ۋە تەتقىقات ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەسئۇلى ھۈسەيىن شاھىن قىلدى. ئۇ، سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا 20-ئەسىردە ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى تۈرك ياشلىرىغا ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق سۆزلەرنى قىلدى:
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، ئىلمىي چۈشەنچە ۋە تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ يىغىنىغا خۇش كېلىپسىلەر. 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە 20 ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى ياشلارغا ئاڭلىتىش ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئارقىدىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىلمىي چۈشەنچە ۋە تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى دوكتور بىرول مەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، 20-ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى ۋە يوق بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
تارىختا تۈركلەرنىڭ ۋە ھازىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى تىراگېدىيەنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ ۋەزىيەتتىن قاتتىق بىئارام بولماقتىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە ئەقەللىي ئىنسان ھەق- ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قەدىمىنى تېزلەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بىز تۈركىيەدىكى تەتقىقاتچىلار بۇ ساھادە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمىتىمىزگە سۇنۇشىمىز ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيىلىك يوللار بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار سوئاللارنى سوراپ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ باردى. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى مەسئۇللىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلىتىدىغانلىقىنى، داۋاملىق ھالدا پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇلى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق. يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ھەممە بىردەك يىغىنىدا كۆپ نەرسە ئۆگەنگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە بىلىدىغان مەلۇماتلىرىنىڭ كۆپىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بۇ يىغىندا توغرا مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئوقۇغۇچى ئايشەنۇر خانىم ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغانلىقى، ئەمما بۇ يىغىن ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر ئوقۇغۇچى قىز ياسېمىن قايا خانىم بۇ يىغىن ئارقىلىق 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ توغرا مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، توغرا مەلۇماتلارنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقان تەقدىردە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەت، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي-ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى بويىچە تۈرك ئوقۇغۇچىلىرى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇنداق پائالىيەتلەر كۆپىيىشكە باشلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت