ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018.03.23

21-مارت كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت، زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى باغچىسىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتتى. نورۇز ئەھلىگە ئۇيغۇر پولۇسى تارقىتىلدى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى مەۋلۇت ئۇيسال ئوغلى قاتارلىق ئەربابلار سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇلار بىردەك نورۇز بايرىمىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، تۈرك دۇنياسىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىگە بىر ۋاسىتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيغۇر، تۈرك، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن ئارىيەلەر كۆرسىتىلدى. 

نورۇزنى قۇتلاش پائالىيىتى جەريانىدا سەھنىگە ئېسىلغان تۈرك دۇنياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمۇ جەۋلان قىلدى. «ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدىراتسىيەسى» نىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز كۆرگەزمە ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى قېرىنداش تۈرك دۇنياسى خەلقلىرىگە تونۇشتۇردى. 

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى مەۋلۇت ئۇيسال قاتارلىق رەھبەرلەر تۇخۇم چېقىشتۇردى، ئوتتىن ئاتلىدى، بازغان بىلەن تۆمۈر سوقتى. تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئىسمائىل جېنگىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى مەۋلۇت ئۇيسال ئەپەندى ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغاندا، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىمۇ نورۇز بايرىمىنىڭ تەبرىكلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. 

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن «ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراتسىيەسى» رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئاسىيە قاراقاش خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىلقى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى قۇتلاش پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.