ئىستانبۇلدا 3000 دەك ئۇيغۇر جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى قۇتلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-ئاۋغۇست.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 23-ئاۋغۇست.
RFA/Arslan

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى ئېغىر كەيپىياتتا كۈتۈۋالدى. ئۇلار ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن قەلبى ۋەتەندىكى ئېغىر زۇلۇملار ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئوتىدا پۇچىلانماقتا ئىدى.

بۈگۈن، يەنى 23-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 3000 دەك كىشى بىر جايغا جەم بولۇپ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇردى ۋە قۇربان ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەتىنى ۋە زۇلۇم چېكىۋاتقان خەلقىگە مەدەت بېرىش شۇنداقلا بىردەم بولسىمۇ قەلبلىرىدىكى غەم-قايغۇنى ئۇنتۇپ ئۆزلىرىگە غەيرەت-جاسارەت بېغىشلاش ئۈچۈن قۇربان ھېيتنىڭ 3-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجى رايونىدىكى ئاۋجىلار دېڭىز ساھىلىغا جەم بولدى ھەمدە بىر-بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەشتى.

بۇ قېتىمقى قۇتلاش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى سۆزلەپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دەرد-ئەلەم ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تۇرغان قايغۇلۇق كۈنلەردە بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى كۈچلەندۈرۈش، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى ئاشۇرۇش، جاراھەتلەنگەن كۆڭۈللەرنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇرلاردا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بولغاندىلا ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلىك كۈنلەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ناخشا ئوقۇدى ۋە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقىسى سورۇندىكى ھەممە كىشىنى قىزىقتۇردى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ئۈمىدۋار ياشاشقا چاقىرىق قىلدى.

دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار سۆزىدە يەنە گەرچە ئۇيغۇرلار بۈگۈن غەم-قايغۇلۇق كۈنلەرنى ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ، ئۆزلىرىگە مەدەت ۋە تەسەللى بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنىي سۆز قىلىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.
ئۇندىن باشقا دىنى ئالىم مەخمۇتجان بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراخمان ئەپەندىلەرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن روزا ھېيتنىمۇ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، روزى ھېيتنى قۇتلاش پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدىكى 6000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشقان ئىدى. شۇ قېتىملىق ھېيت پائالىيىتىگە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئىقامەت بېرىش قاتارلىق مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت