«سەھىھ ھەدىسلەر» ناملىق 5 قىسىملىق كىتاب سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى، مۆمىنجان سىدىق ۋە ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق دىنى زىيالىيلار تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىدى.
بۇ كىتاب 5000 دىن ئارتۇق سەھىھ ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن:
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا قۇرئان كەرىمىنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈشى، تەبلىغ قىلىشى، ئۆگىتىشى، چۈشەندۈرۈشى ۋە ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ ھەدىس بارلىققا كەلدى. ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى، ئىش-ھەرىكىتىنى ماقۇللىشىنى بىلدۈرىدىغان ئومۇمىي ئاتالغۇدۇر. بىز مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت كۈنىگىچە مىراس قالدى. بۇ ئىككىسى مۇسۇلمانلارنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت سائادەتكە يېتەكلەيدىغان، ھاياتىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان قەتئىي بولمايدىغان ئىلاھىي دەستۇردۇر.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ھەدىس ياكى ھەدىس كىتابلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن نىسپىي يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ، بۇ چەكلىك خىزمەتلەر ھەدىس ۋە باشقا دىنى ئىلىملەرگە بولغان ئىشتىياقى، تىلەك-ئارزۇلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسكە بولغان ئېھتىياجىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قامداپ كېتەلمىدى. چۈنكى سەھىھ ھەدىسكە بولغان ئېھتىياجىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قامداپ كېتەلمىدى. چۈنكى سەھىھ ھەدىسنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، دىنىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، بۇ بوشلۇقنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن «سەھىھ ھەدىسلەر» ناملىق بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىندى.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى مۆمىنجان سىدىق ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.