ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەن زامانداشلىرىنىڭ خاتىرىسىدە (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.10.27
kuresh-kusen-hayat.jpg مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى.
Photo: RFA

كۈرەش كۆسەن 2006-يىلى ۋەتىنىدىن ئۇزاق بىر تۇپراقتا 47 يېشىدا ئالەمدىن كەتتى. ئۇنىڭ ۋەتەن ئىشقىدا تېپچەكلىگەن يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۈرەش روھى ۋە سەنئەت بىلەن جۇلالانغان ياڭراق ئاۋازى ھېلىھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاتىرىسىدە ياشاپ كەلمەكتە.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ زامانداشلىرىدىن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىلىكىدە مەرھۇمنىڭ كۈرەش قاينىمى ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مەرھۇم كۈرەش كۆسەن بىلەن ئاز كەم 30 يىلغا يېقىن شەخسىي دوستلۇق ھەم پىكىرداشلىق ھاياتىم بار. ئۇ ئاز ياشىدى، ئەمما تولىمۇ مەنىلىك بىر ھاياتتا ياشىدى. ئۆمۈر بويى ئىزدەندى. ئۇ ۋەتەندىكى چېغىدا ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ۋە يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاتتى. ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەي ۋەتەننىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قايغۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ يولدا ئىزدەندى. مەن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاز، ئەمما ساز ياشىغان شۇنداقلا كۈرەشكە بېغىشلانغان بىر ھايات دەپ قارايمەن!...»

كۈرەش كۆسەننىڭ ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۇغقان سىڭلىسى مۇنەۋۋەر سۇلتانمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسىدە چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئۇنى ياد ئەتتى.

ئۇ ئاكىسىنىڭ 1980-يىللاردا نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە «كۆسەن» دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاكام ‹كۆسەن› دېگەن تەخەللۇسنى 1988-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلەتتى. ئۇ گەرچە كۇچادا تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بولغان كۇچادا ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇ قەدىمكى كۆسەن سەنئىتىنىڭ مەركىزى بولغان كۇچانى سۆيەتتى. سەنئەتكە بولغان تۇنجى ئىشتىياقى كۇچادا ئويغانغان ئىدى شۇنداقلا بۇ ئەزىم تۇپراقتا قەدىمكى كۆسەننىڭ سەنئەت مىراسلىرى ۋە ئۇنىڭ سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىدى. شۇڭا ئاكام ‹كۆسەن› دېگەن بۇ قەدىمكى يۇرت نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىۋالغان ئىدى.»

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئائىلە تۇغقانلىرىدىن بىرى. ئۇ مەرھۇم كۈرەش كۆسەن بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ يېقىن سەپداش سۈپىتىدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدە بىللە بولغان. مۇھاجىرەتتىكى ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى بىللە باشتىن كۆچۈرگەن. ئۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

مۇنەۋۋەر سۇلتان گەرچە ئاكىسى كۈرەش كۆسەننىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇقنى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھېس قىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەرھۇمنىڭ قىسقا ھاياتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن مەڭگۈ ئۆلمەس كۈرەش روھىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.