15-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى 31-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.

بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەدىن 41 جەمئىيەت ۋە ۋەقىپ قاتناشقاندىن سىرت ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. فېستىۋالغا قاتناشقان ئورگانلار مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە 1-سېنتەبىر كۈنىدىكى «ئۇيغۇر كېچىسى» دە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلار يەنە مەزكۇر فېستىۋالدا 15-قېتىم ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملىرى ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى. ئۇيغۇرلار قىلغان بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم يېڭىلىقلاردىن بىرى ھەر كۈنى مىڭلىغان ئادەم ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان فېستىۋال مەيدانىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نىڭ ئالدىغا تونۇر سېلىپ، سامسا ۋە نان يېقىپ سېتىش بولدى.

9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخشىمى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتچىلەر ئويۇن كۆرسەتتى. «ئۇيغۇر كېچىسى» دە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇللاھ كۆسە ئۇيغۇرچە «ئەرگەنەقون»، «ئانا يۇرت» ۋە «توي» دېگەن 3 ناخشىنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

كىچىك ياشتا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭق چىقارغان مۇجاھىت قەشقەرلى بۇ كېچىلىكتە شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىمنىڭ «ۋەتەن ھەسرىتى» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

ئاندىن كېيىن 15 يىلدىن بېرى مەزكۇر فېستىۋالدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن 15 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلىۋاتقان ئەتىمەسگۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن مىڭلىغان تاماشىبىنلارغا «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئاخشام ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرسەك ياخشى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. يېرىم ئەسىردىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلار بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا جان تالاشماقتا. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، ھازىر 3 مىليون ئۇيغۇر ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ئۆلتۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلمەكتە. قىزلىرىمىز خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپپەت ۋە نومۇسى دەپسەندىگە ئۇچرىماقتا. مەن بارلىق تۈرك خەلقىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىمەن.»

ئارقىدىن 15-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى سۆزلەپ، مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالىنىڭ پەقەتلا ناخشا-مۇزىكىلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان سورۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈك يۇرتداشلىرىم، خەيرۇللاھ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى بەردى. بۇ فېستىۋالنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى تۈرك دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ياخشى ئىشلارنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ يەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنىمۇ ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىز دەرد-ئەلەملىرىمىزنى ئورتاقلاشساق ئازايتىمىز. ياخشى ئىشلىرىمىزنى ئورتاقلاشساق كۆپەيتىمىز.»

ئەنۋەر دەمىرەل ئەپەندى ئەنقەرە خەلقىنى «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى ئۆگىنىشكە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار بار. ھېچ بولمىغاندا بۇلاردىن خەۋەردار بولۇشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتقاندۇ دەپ سوراشمۇ بىر مەسئۇلىيەتچانلىقتۇر. بىز 1999-يىلى بۇ فېستىۋالنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ۋاقتىمىزدىكى مەقسىتىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق ئىدى. ئەلۋەتتە كۆڭۈل ئاچىمىز، ئەلۋەتتە ناخشا ئاڭلايمىز، ئەلۋەتتە ئۇسۇل ئوينايمىز، ئەلۋەتتە يەپ-ئىچىپ ئوينايمىز، ئەمما شۇنى ئۇنتۇمايلىكى بىزنى بىر يەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئەھمىيەت بېرەيلى. بۈگۈن ئەگەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان بولساڭلار بۇ مەزكۇر فېستىۋالنىڭ سايىسىدە بولدى. سىلەر فېستىۋال مەيدانىدىكى ‹شەرقىي تۈركىستان ئۆيى› نى ئېكسكۇرسىيە قىلىڭلار. ئۇ يەردە نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلاردىن سوراڭلار. شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم بارمۇ؟ ياكى دېموكراتىيە بارمۇ؟ ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار، قازاقلار بىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز. ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بىزنىڭ مەسىلىمىز، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز، شۇڭا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەرد-پەريادىغا قۇلاق سالايلى.»

ئەنقەرە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەلنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقان ھامان مەيداننى مىڭلىغان كىشىنىڭ ئالقىش ساداسى قاپلىدى.

بىز پائالىيەت جەريانىدا مىكروفونىمىزنى ئەنقەرەلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ بۇ يىلقى خەلقئارالىق فېستىۋالنىڭ بۇرۇنقى فېستىۋاللارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆيى» نىڭ ئالدىغا تونۇر سېلىپ نان ۋە سامسا يېقىپ كۆرسىتىلىشى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

15 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، كۆپ ساندا كىشىگە «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، بۇنى كۆپ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەق مەيداندىن تارقاتقانلىقىنى دېدى.

10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالغا قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلماقتا. ئىراق تۈركمەنلىرىگە، گىرېتسىيەدىكى تۈركلەرگە، قىرىم تاتارلىرىغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بۇ فېستىۋالغا قاتناشماقتا. بۇ تۈركىي مىللەتلەر 10 كۈن بويىچە تارىخىنى، سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پۈتۈن مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بۇ يەردە «جازا لاگېرى» مەسىلىسىنى تونۇشتۇرىدۇ. ھەر كۈنى بىر قانچە تۈركىي مىللەت ئۆز مەدەنىيەت سەنئىتىنى نامايەندە قىلغاندىن سىرت، ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر داڭلىق سەنئەتچى كونسېرت بېرىدۇ. بۇلار، سەردار ئورتاچ، يىلدىز تىلبە، سەرتاپ ئەرەنەر، زارا ۋە مۇرات بوز قاتارلىقلاردۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت