پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.02.02
medeniyet-korgezme-parizh-1.jpg

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 1-فېۋرال، فىرانسىيە. RFA/Erkin Tarim

medeniyet-korgezme-parizh-2.jpg

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 1-فېۋرال، فىرانسىيە. RFA/Erkin Tarim

medeniyet-korgezme-parizh-3.jpg

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 1-فېۋرال، فىرانسىيە. RFA/Erkin Tarim

medeniyet-korgezme-parizh-6.jpg

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 1-فېۋرال، فىرانسىيە. RFA/Erkin Tarim

2-ئاينىڭ 1-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئىنالكو ئىنستىتۇتى يانى شەرق تىللىرى ئىنستىتۇتىدا تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئىشتىراك قىلغان. بۇ پائالىيەتتىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى، چەتئەلدە چىقىۋاتقان گېزىت-ژۇرناللار، س د پلاستىنكىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. كۆرگەزمە جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىمى ئۆگىنىۋاتقان گېرېمارد جېرېمىئە ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

گېرېمارد جېرېمىئە ئەپەندى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ، كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

گېرېمارد جېرېمىئە ئەپەندى كۆرگەزمىنى كۆپرەك تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان گېرېمارد جېرېمىئە ئەپەندى فىرانسۇزلارنىڭ كۆپىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كۆپرەك بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بارغانلىقىنى شۇنىڭدەك تۇغقان تۈركىي تىللارنىڭ كۆپىنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار كېيىنكى يىللاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىل كۆرگەزمىلەردە ئۇيغۇرلارمۇ تونۇتۇلماقتا. بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى نېمە؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى قانداق؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق بۇ خىل كۆرگەزمىلەرگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ سابىق رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى 1985-يىلىدىن 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ خىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ سابىق رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى 2000-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئەنقەرە ۋە ئەنقەرە يېقىنىدىكى ۋىلايەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كۆپ ساندا كۆرگەزمىلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىنى ۋە ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى رەسىملەر بىلەن كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار كېيىنكى يىللاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتىدىغان كۆرگەزمىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.