بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىگە چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.06.06
Mexmud-qeshqeri-eseridin-korunush.jpg يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق تارىخىي درامىسىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 6-ئىيۇن، ئالماتا.
RFA/Oyghan

6-ئىيۇن كۈنى ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرخانىسىدا يازغۇچى ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقەرى» ناملىق تارىخىي درامىسى تۇنجى قېتىم تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىندى. مەزكۇر ئەسەرنى «ھۆرمەت» ئوردېنىنىڭ ساھىبى، رېژىسسور مۇھىت ھېزىموف سەھنىلەشتۈردى.

بۇ دراما 11-ئەسىردە، يەنى قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر نامايەندە، تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆمۈر بايانىغا بېغىشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا قاراخانىيلار ئوردىسى ئىچىدىكى ۋەزىيەت، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ قامۇسى «دىۋانۇ لۇغەت-ئىت تۈرك» ئەسىرىنىڭ دۇنياغا كېلىش تارىخى، ئاپتورنىڭ ئۇنى يېزىش جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئەسەر ۋەقەسى قەشقەر شەھىرىگە ئورۇنلاشقان قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى ۋەقەدىن باشلىنىپ، تۈركىي خەلقلەر ياشىغان رايونلارنى ۋە ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ئاخىرىدا قەشقەر بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز قاسىم ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، باي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن ھەم مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان، مەھمۇد قەشقەرىگە ئوخشاش بۈيۈك نامايەندىلەر ئۆزلىرى ياراتقان ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنيا ئىلىم-پەنىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان.

قاسىم ئىسمايىلوف ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر مەدەنىيەت نامايەندىلىرىنى دەسلەپكى قېتىم سەھنىدە ئالاھىدە ماھىرلىق ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەھمۇد قەشەرىنىڭ ياراتقان ئەسىرى ھېچ ۋاقىتتا ئۆلمەيدىغان، يۈتمەيدىغان، كونىرىمايدىغان ئەسەر. چۈنكى مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئەسىرىنى ناھايىتى كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن دۇنياغا كەلتۈردى. بۇ كىتاب جىمىكى تۈركىي خەلقلىرى ئۈچۈن تۈگىمەس گۆھەر. ئارتىسلارنىڭ ماھارىتىگە كەلسەك، تىياتىر كوللېكتىپى ئومۇمەن ياشلار بىلەن يېڭىلىنىپتۇ. ياش ئارتىسلار بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئارتىسلىق ماھارىتىنى نامايان قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئالغان بىلىملىرىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمەلىيەتتە نامايان قىلدى».

ئىگىلىشىمىزچە، ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ بۇ ئەسىرى 2016-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، تۈركىيە دۆلەت تىياتىرخانىلىرى باش ئىدارىسى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىسمايىلجان ئىسايېف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، ئۇلۇغ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يارىتىپ، پەقەت تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇنداق بىر شېئىرنى ئېيتىپ بېرەي: ‹نەگە بارما، نەدە يۈرمە، مەن ئۇيغۇر دەپ پەخىرلەنسەن، بىلسەڭ ئەگەر تارىخىڭنى، بارچە تۈرك ئاتىسىسەن›. ئەمدى شۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، سەھنىگە چىقىرىدىغان بىزنىڭ ئارتىسلىرىمىز، دراماتورگلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز. بۇ بىرىنچى سەھنە ئەسىرى ئەمەس. سوۋېت ۋاقتىدا ‹قوش يۇلتۇز› دېگەن ئەسەر بولغان. بىراق ئۇنى قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپبەك مۇخلىسوف بولغان. ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى مەن يازغان ئىدى».

ئىسمايىلجان ئىسايېف تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىشىدە ئەنە شۇ مەھمۇد قەشقەرى ھەم ئۇنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئەسىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىپ قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
تالغىر ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى ئىمىنجان توختاخۇنوف «مەھمۇد قەشقەرى» ئەسىرىدىن قەدىمىي ئۇيغۇر تارىخى، يەنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى تارىخىدىن باي مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز، بالىلىرىمىز بىزنىڭ مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ سىياسەت، ئىلىم-پەنلىرىنى كۆرسە، ئۇخلاپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ ئويغىنىپ كېتەتتى. رېژىسسور مۇھىت ھېزىموفقا چوڭ رەھمەت ئېيتىمىز. ئۆزىمۇ رول ئالدى. ھەممە ئارتىسلىرىمىز ياخشى ئوينىدى. تىياتىرىمىز ئاكادېمىيەلىك دەرىجە ئالغاندىن بۇيان ياش سەنئەتكارلىرىمىز كۆپىيىۋاتىدۇ. تىياتىرىمىز گۈللىنىۋەرسۇن».

«مەھمۇد قەشقەرى» درامىسىدىكى مەھمۇد قەشقەرى باش رولىنى مۇھىدىن ۋارىسوف، مۇھەممەد بۇغراخان رولىنى مۇھىت ھېزىموف، ھۈسەيىن خەلەپنى پەرھات داۋۇتوف، ئابدۇللا ئىبنى ناسىرنى ماخمۇد دەرايېف ئوينىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاخىرقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدە يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئىدىقۇت»، ئابدۇللام سامساقوفنىڭ «بايانچۇر» تارىخىي ئەسەرلىرى سەھنىلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان تارىخىي شەخسلەر ئىپارخان، ئاماننىساخان، نۇزۇگۇم، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف، بىلال نازىم ۋە باشقىلارنىڭ ئوبرازلىرى سەھنىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.