تارىخشۇناسلارنىڭ يەكۈنىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن مەملىكەت. لېنىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 1921-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت كۆپ قېتىملىق قارارلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 1930-، ۋە 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەمدە سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىدە ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەنلىكى سىر ئەمەس. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت كۆپلىگەن قارارلىرى مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن بىرمۇ-بىر ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. يېقىندا رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن بىرى ئەنە شۇنداق مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن بىرى، يەنى سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 1931-يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى سىياسىتىنى بەلگىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشكارىلانغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى ۋە رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن پروفېسسور ئاناتولىي بارمىن ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1931-يىلى، 2-ئايدا قۇمۇلدا خوجا نىياز ھاجى قاتارلىقلار باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، گەنسۇدىكى تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرى ما جوڭيىڭنىڭ قوماندانلىقىدا قۇمۇلغا كېلىپ، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىرلىكتە جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ باشلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتكە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە قىزىل ئارمىيە ھەربىي رازۋېدكا ئورگىنى ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.
بۇ ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ياشايدىغان جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، مەخپىي رەۋىشتە ئۇچۇر ئىگىلەش ۋە تەتقىقات قىلىشنى بەلگىلىگەن ئىدى.
رۇسىيە تارىخشۇناسى ۋلادىمىر بۇخېرت يېقىندا موسكۋادا چىقىدىغان «شەرق ئارخىپى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا 1931-يىلى، كوممۇنىستىك ئاكادېمىيىنىڭ جۇڭگو بويىچە ئىلمىي تەتقىقات قىلىش ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ رۇسىيە بولشېۋىكلەر پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش رايونلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ ماقالىسىدە مەزكۇر پىلاننىڭ مۇتلەق مەخپىي بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
تارىخشۇناس ۋلادىمىر بۇخېرت يەنە 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مەخپىي ساقلانغان مەزكۇر ئارخىپنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە تارىخچىسى ۋلادىمىر بۇخېرتنىڭ يېزىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇر ۋە مەلۇماتقا ئىگە قىلىپ، بۇ رايونغا نىسبەتەن سىياسىي قارار قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە تەركىبىدىكى جۇڭگو ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەخسۇس «خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى» قۇردى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈنسايىن جىددىيلىشىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر ئىنستىتۇت دىرېكتورى، مەشھۇر خىتايشۇناس ھەم جۇڭگو كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقان پاۋېل ئالېكساندروۋىچ مىف ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئىلمىي ئىشلار سېكرېتارى م.ئا ئابرامسون تەرىپىدىن مەخسۇس «جۇڭگو ئىلمىي -تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ چېگراسىدا ئېكسپېدىتسىيە ئېلىپ بېرىش پىلانى» تۈزۈپ چىقىلىپ، يۇقىرىغا يوللاندى.
نەتىجىدە، 1931-يىلى، 5-ئىيۇل كۈنى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە رەھبەرلىك ھەيئىتى بۇ تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلىش پىلانىنى ۋە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تەستىقلىدى. جۇڭگو ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا 4 نەپەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق ۋە تۆت نەپەر موسكۋالىق تەتقىقاتچىنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ پۈتۈن ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 21061 رۇبلى ئاجرىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.