ئالمۇتادا ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.02.12
Diniy-alim-muhemmed-salih.jpg ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 9-فېۋرال، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

9-فېۋرالدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان «ئامال» رېستورانىدا ئىسمى ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر مۇراسىمنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 500 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا قازاق، تاتار، تۈرك، ئۆزبېك، باشقۇرت ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى بولدى.

مۇراسىم بېشىدا ياش قارىلار تەرىپىدىن مەرھۇمغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان ئوقۇلۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، «ئىخسان» ژۇرنىلى مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى يالقۇن نورۇزوف مۇھەممەد سالىھنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلدى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا مۇھەممەد سالىھنىڭ ئۆمۈر بايانى ھەم ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە قىسقىچە توختالدى. دوكلاتچى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئاتىسى سالىھ ھاجى داموللامنىڭمۇ ئەرەب ۋە پارىس ئەدەبىياتلىرىنىڭ يېتىلگەن مۇتەخەسسىسى ۋە مەرىپەتچى بولغانلىقىنى، ئوغلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئوقۇتۇپ، تەربىيەلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. يالقۇن نورۇزوف مۇھەممەد سالىھنىڭ كۆپلىگەن دۇنيا مەملىكەتلىرى قاتارىدا قازاقىستاندىمۇ ئۆتكەن ئىسلام دىنىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا دوكلات بىلەن قاتناشقانلىقىنى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىمنىڭ ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان بىر قانچە ئەمگەكلىرىدىن، شۇ جۈملىدىن ئۇ تەرجىمە قىلغان قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ۋە سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىسلام ئىلىمىدىكى ئورنى، ئۇ تەرجىمە قىلغان قۇرئاننىڭ قازاقىستاندا نەشر قىلىنىش ھەم تارقىتىلىش تارىخى، مۇھەممەد سالىھنىڭ قازاقىستانغا قىلغان سەپەرلىرى ھەم ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھىرىدە ئۆتكەن كىتاب يەرمەنكىسىدە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇ يەرمەنكىگە قاتناشقاندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆرگەزمىسىگە باردىم. شۇ يەردە ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى تېيىپجان ئېلىيېف، زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆردۈم. لېكىن، مېنىڭ كۆزۈمگە بىردىن چۈشكەن كىتاب «قۇرئان كەرىم» بولدى. ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ، بۇ ۋەتەندە چىقىپتۇ، بۇ ناھايىتى زور ئىش ئىكەن دەپ، يەرمەنكە باشلىقىدىن قۇرئان كەرىمىنىڭ بىر نۇسخىسىنى سورىسام، بەرمىدى».

رابىك ئىسمايىلوف مەزكۇر يەرمەڭكىدىن «قۇرئانى كەرىم»نىڭ بىر نۇسخىسىنى ئېلىپ قايتقانلىقىنى، بۇنى قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆرۈپ، ئۇنى كىرىل يېزىقىدا نەشر قىلىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالىم شۇنداقلا قۇرئان كىتابىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېفنىڭ ھامىيلىقىدا نەشر قىلىنغانلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئاھالىگە بىكارغا تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالمۇتادىكى قارىملار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى يارمۇھەممەت داناخۇنوفنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد سالىھ ئەرەب تىلىنىڭ يېتۈك مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ھەم تەرجىمان، ھەم ئالىم سۈپىتىدە ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ خەلقلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن زىيالىيدۇر. ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ ۋە ئورنى تولماس يوقىتىشتۇر. يارمۇھەممەت داناخۇنوف ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ مۇھەممەد سالىھ ئەمگەكلىرىنى ئۆگىنىپ تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «قۇرئانى كەرىم قازاقىستان، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنىپ، تارقىتىلغان. مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇ 10 مىڭ دانە چىقىرىلىپ، تارقىتىلغان بولۇش كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۇ كىشى كۆپلىگەن ئەرەب يېزىقىدىكى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، مىراس قالدۇرۇپ كەتتى».

يارمۇھەممەد داناخۇنوف سوۋېت دەۋرىدە بولسۇن، ياكى مۇستەقىللىق يىللىرى بولسۇن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ساقلاپ قېلىشىدا، قۇرئاننىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى چۈشىنىشتە مۇھەممەد سالىھنىڭ ئالاھىدە رولى بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مۇھەممەد سالىھ ۋاپاتىنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، دىنىي زات تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف ئۆتكەن يىلى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابلېكىم مەخسۇمدىن ئايرىلغان بولسا، كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر مۇھەممەد سالىھتىن جۇدا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي زۇلۇمى ئەڭ چېكىگە يەتكەن بىر زاماندا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىشى كېرەك دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىز ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارغا بىر پايدا ئېلىپ كەلمىسەكمۇ، لېكىن زىياننى ئېلىپ كەلمەيدىغاننى ئويلىشىمىز كېرەك. ھەممىمىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىتتىپاق بولۇپ، مىللىتىمىزگە قانداق يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىشنى ئويلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ تۈرلۈك يوللىرى بار».

تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش لازىملىقىنى، مۇھەممەد سالىھ ئوخشاش ئەنە شۇ كىشىلەرنى ئۇنتۇماي، ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنى ياد ئېتىپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.