ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدىكى ياقۇپبەگ ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ۋە ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسى (2)

0:00 / 0:00

«ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئارخىپلار توپلىمىدا ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، لوندوندا تۇرۇشلۇق ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان تېلېگراممىسى.

ئەلچى تېلېگراممىدا ئىستانبۇلغا ئەينى يىلى لوندوننى زىيارەت قىلىۋاتقان بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ ئوسمانلىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھى ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

«جامادىيەلئاخىرنىڭ 30، 1294-» يەنى مىلادى 1877‏-يىلى 11‏-ئىيۇل، دەپ چېسلا قويۇلغان بىرىنچى تېلېگراممىدا، ئوسمانلى ئەلچىسى ئىستانبۇلغا سېيىت ياقۇپخاننىڭ 2 ئايدىن بېرى لوندوندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ 15 كۈن ئىچىدە ئىستانبۇلغا قايتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئىككىنچى تېلېگراممىدا، سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ لوندوندىكى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

تېلېگراممىدا ئوسمانلى ئەلچىسى ئۆزىنىڭ سېيىت ياقۇپخان تۆرە بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئۆزىگە ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، قەشقەرىيە بىلەن خىتاينى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى دەل قەشقەرىيە دۆلىتى مانجۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن زېمىنى ئىشغال قىلىنغان. ياقۇپبەگ زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن كىچىك ئوغلى ھەققۇلىبەگ ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىغان، ئەنگلىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ياقۇپبەگ بەدۆلەت سىياسىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بىر مەزگىل ئىدى.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياقۇپخان تۆرە لوندوندا ئىنگلىزلارنى مانجۇلار بىلەن قەشقەرىيەنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا قايىل قىلىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ نىشانىغا يېتەلمەيدۇ.

ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ تېلېگراممىسىدا، «مەن ئىسمى زاتى مەلۇم ئۇ كىشى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتۈم. ئۇ داۋاملىق ئىنگلىز ۋەكىلى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە ئۇ ئايال پادىشاھنىڭ شوتلاندىيەدىن قايتىشىدا ‹ۋەندىر قورۇقى› دا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا چىقتى» دە كۆرسەتكەن.

تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى تىمۇر خوجائوغلۇ، ياقۇپبەگ ئەلچىسىنىڭ ئەنگلىيە سەپىرىنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىنى رۇسىيە-ئەنگلىيەنىڭ ياۋرو-ئاسىيا «چوڭ ئويۇنى» غا باغلايدۇ.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «شۇ پەيتتە بۇ ياۋروپا ئاسىيادا كاتتا ئويۇن، دېگەن بىر سىياسەت بار ئىدى. بۇ كاتتا ئويۇندا بىرىنچى ئامىل رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە. چۈنكى، ئەنگلىيە ھىندىستان بىلەن ئافغانىستاننى بېسىۋالغان. رۇسىيە غەربىي تۈركىستاننى، مانجۇ-خىتايلار بولسا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ئىدى. شۇ مەزگىلدە خىتايدىن كۆپرەك رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار ھەم بىرىنىڭ قۇدۇقىنى قېزىشقا ھەرىكەت قىلاتتى، ھەم ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى. بۇ يەردە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىستراتېگىيەلىرى رول ئوينىدى. نەتىجىدە، بۇ ئويۇندىن ھەم شەرقىي تۈركىستان، ھەم غەربىي تۈركىستان زەربە ئالدى.»

تېلېگراممىدىن قارىغاندا، سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئىنگلىزلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى رۇسىيەدىن مەخپىي تۇتۇشقا ئالاھىدە تىرىشقان. ئوسمانلى ئەلچىسىنىڭ ئىستانبۇلغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا، سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئۆزىگە ئىنگلىزلار بىلەن بولغان سۆھبەتنى رۇسىيە ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە مەخپىي تۇتۇشنى تاپىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پروفېسسور تىمۇر خوجائوغلۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ياقۇپبەگ، ئاخىرقى نەتىجىدە رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن ياخشى پايدىلانغان.

تىمۇر خوجائوغلۇ: «ياقۇپبەگ بەدۆلەت شۇنى بىلەتتىكى، بىر ياقتا مانجۇ-خىتايلار، يەنە بىر ياقتا رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە بار، زەئىپ بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتە ئوسمانلى. ئەلۋەتتە ئۇ سىياسەتچى بولۇپ خىتايغا قارشى ئۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلدى. ئەمما رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ نىيىتى مانجۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ياققا ئۆتمىسىلا بولاتتى. شۇڭا، ياقۇپبەگ بەدۆلەت بۇ مۇناسىۋەتلەردىن ياخشى پايدىلاندى.
ئۇ شۇنى بىلەتتىكى، ھېچ بولمىسا خىتايغا قارشى ھەم رۇسىيە، ھەم ئەنگلىيە، ھەم ئوسمانلى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىش، بەلكى ئۇلاردىن بىرەر ئۈمىد، بىرەر كۈچ چىقىپ قالار، خىتايغا قارشى ئۇنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ قالار، دەپ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر سىياسەت ئىدى، ئەينى دەۋردىكى شەرت-شارائىتلاردا.»

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سېيىت ياقۇپخان تۆرە ئەينى چاغدا ناھايىتى ئۇستا دىپلومات بولغان. ئۇ، ئوسمانلىنىڭ قەشقەرىيەگە قورال-ياراق ياردەم قىلىشى دەل ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامىت گۆكتۈرۈك: «مۇھەممەت ياقۇپخان تۆرە، ئۇ ئادەمنى ياقۇپبەگ پەۋقۇلئاددە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپتىكەن. ئۇ ئادەم كەلگەندىن كېيىن ‹بىزگە ياردەم قىلىڭلار› دېگەندە، ئوسمانلى دۆلىتى ھېلىقى مىرالاي، دېگەن گېنېرالدىن بىر دەرىجىدە تۆۋەن بىر كىشىنى ھازىر ‹ئالباي› دەيدىغۇ تۈركىيەدە، شۇ زاماندىكى ئاتالغۇسى مىرالاي، شۇ مىرالاي بىلەن 17 كىشىلىك ھەيئەتنى توپ ياسايدىغان، قورال-جابدۇق ياسايدىغان ئۇستىلار بىلەن ئەۋەتىپتىكەن. يەكەندە 101 پاي توپ ئېتىپ، ياقۇپبەگ ئۆزى يەكەنگە كېلىپ، شۇ يەردە ئۇلارنى قارشى ئالغان. ئۇ زاماندا پاكىستان يولى يەكەن ئارقىلىق كېلەتتى. شۇنداق قارشى ئالغان ئۇلارنى، بۇ ئارخىپلاردا بار.»

بۇ قېتىمقى ئارخىپلار توپلىمىدا سېيىت ياقۇپخان تۆرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى پائالىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار. ئۇ ھۆججەتلەر ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىپ، سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى كۈتۈۋېلىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەج سەپىرىگە ئائىت يوليورۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.