خىتاي ساقچىلىرى 82 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانىغا تەھدىت سېلىشقا ئۆتتى : «تامغا ئۈسۈۋالىسىز»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.21
rabiyxan-musa-ana-1.jpg 5 يىلدىن بېرى دىدارىنى كۆرمىگەن كەنجى ئوغلى قۇربانجاننى كۆرۈشكە تەشنا بولغان رابىيخان ئانا.
RFA/Shohret Hoshur


چەتئەلدىكى بالىسىنى كۆرۈش ئارزۇسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە نەتىجىدە پاسپورتى تارتىۋېلىنغان 82 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانا ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى دەرت ھەسرەتلىرىنى رادىيومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. تۈنۈگۈن خىتاي ساقچىلىرى رابىيخان مۇسا ئانىغا، شىكايىتىنى داۋاملاشتۇرسا جۇڭگونىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «تامغا ئۈسۈۋېلىش» خەۋپىنى ئەسكەرتىپ تەھدىت سالغان. رابىيخان ئانا «تۈرمىدە شەرەپ بىلەن ئۆلۈش»كە رازى ۋە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنى ياشانغانلارنىمۇ چەتتە قويماسلىقتەك چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز رابىيخان ئانا دۇچ كەلگەن بۇ يولسۇزلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشاتنىڭ قاراشلىرىنى سورىدۇق. دىلشات رىشىت قۇرۇلتاينىڭ رابىيخان ئانىنىڭ شىكايەتلىرىگە باشتىن - ئاخىرى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۆرتالا ساقچىلىرىنىڭ ياشانغان بىر ئايالنىڭ بۇ ھەققانىي تەلىپىنى ھىچبولمىدى دېگەندە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن چىرايلىقچە ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيخان ئانىنىڭ شىكايىتىنىڭ ئايرىم بىر ئەھۋال ئەمەس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ قۇرۇلتاينىڭ رابىيخان مۇسا ئانا مەسىلىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.