قازاقىستاندىكى داڭلىق «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.07.26
yalqunjan-shemiyef-1.jpg ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش رېژىسسورى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان يالقۇنجان شەمىيېف. 2016-يىلى ئىيۇل، ئالماتا.
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستاندا باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ زامانىۋى ياۋروپا ئىستىلىدىكى ئانسامبىللىرى مەيدانغا كېلىپ، ئۇلار خەلقنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئەنە شۇنداق سەنئەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، ئۇ «ياشلىق» دەپ ئاتالدى. بۇ ئانسامبىلنىڭ قۇرۇلۇشىدا بولۇپمۇ ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاندىكى كىنو ئىشلەش ستۇدىيىسىنىڭ ئەڭ ياش ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر نەچچە فىلىملارغا چۈشكەن، ئاندىن قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ مۇدىرى بولغان، ئۈچ مەرتەم قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىگە ئەزا بولغان مۇرات ئەخمەدىيېف، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش رېژىسسورى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان يالقۇنجان شەمىيېف، ئاتاقلىق قىزىقچى مەخمۇت دەرايېف، شۇنداقلا قەھرىمان ئىمىنوف، ئازاد رەزەموف قاتارلىقلار ئالاھىدە رول ئوينىغان ئىدى.

«ياشلىق» ئانسامبىلى 1975-يىلنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى بەرپا قىلغۇچىلار ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىشلەۋاتقان، بەزىلىرى بولسا، سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان پەيت ئىدى. ئانسامبىل ئۆز تارىخى جەريانىدا بىر نەچچە قېتىم يېڭىلىنىپ، ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ تەركىبىنى، مەسىلەن، م. ئەخمەدىيېف، ي. شەمىيېفلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەشكىل قىلدى. ئانسامبىل ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇكاپاتىنى 1979-يىلى پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق سەنئەت كۆرىكىدە ئالغان بولۇپ، ئۇ بىرىنچى ئونلۇققا كىرىپ، پەخرىي يارلىق بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى. ئاندىن ئەرمەنىستان پايتەختى يېرېۋاندا، شۇنداقلا يالتا شەھىرىدە ئۆتكەن جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا مۇسابىقىلەردە ھەم باشقىمۇ كۆرەكلەردە غالىب ئاتالدى.

41 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئانسامبىل بۈگۈنكى كۈندە ئۆز پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولسىمۇ، ئۇنى ياڭلىۋاشتىن جانلاندۇرۇش بويىچە ئىشلارنىڭ كېتىپ بارغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ياشلىق» ئانسامبىلىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى يالقۇنجان شەمىيېف كىچىكىدىن باشلاپلا بولۇپمۇ گىتارا ئوخشاش ئەسۋاپلاردا ئويناشنىڭ ماھىرى بولۇپ، ئۇ شۇ ئانسامبىلنىڭ ئاياققا تۇرۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. ئانسامبىل قۇرۇلغان پەيتتە ئۆزىنىڭ سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆز ۋاقتىدا قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانسامبىل قۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. مەنمۇ شۇنداق بىر ئانسامبىلنىڭ ئەزاسى بولدۇم ھەم ھەر قانداق سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزەتتۇق. شۇ ۋاقىتتا مەندە ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق بىر ئانسامبىلىنى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى.»

ي. شەمىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا «دوسمۇقاسان»، «ئايگۈل»، «ياللا»، «پېسنيارى»، «ساموسۋېتى» ئوخشاش ئانسامبىللار پەيدا بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ياشلىرىغىمۇ قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. ئۇلار ئانسامبىل قۇرۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىش ئورنىنى ئىزلەشتە، ئانسامبىلنى ساز ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلەشتە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىزدە قازاق بالىسى، يەنى ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور سېيدۇللا بايتېرېكوفمۇ بولدى. ئۇ ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ چىقتى. ئاساسىي ئەسۋاپلارنى ئازاد رەزەموف ئازاد يېزىسىدىن تاپتى. مىرخېلىل خالمېتوف بولسا مەشىقلىنىش ئورنىنى شەھەردىكى 10-مەكتەپتە تاپتى. مەكتەپ يېپىلىپ، كەچتە تەييارلىنىدىغان بولدۇق ۋە بىر پروگرامما تەييارلىغان بولدۇق.»

ي. شەمىيېف «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ دەسلەپتە «ئاپئاق توشقانلار»، «ئاتۇش» ئوخشاش ناخشىلارنى ئورۇنلىغانلىقىنى، ئانسامبىل ئۈچۈن مەخسۇس ناخشا يازغۇچىلار بولمىغانلىقتىن ئاساسەن مۇرات ئەخمەدىيېفقا كۆپ ئۈمىد قىلغانلىقىنى، بالىلارنىڭ بىر ياقتىن ئوقۇپ، يەنە بىر ياقتىن ئىشلەپ، بۇ ئانسامبىلنى ئاياققا تۇرغۇزغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئانسامبىلنىڭ دەسلەپكى پروگراممىسى تەييار بولۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرى، ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىكرەم مەسىموف ۋە باشقىمۇ داڭلىق كومپوزىتورلار، بەدىئىي كېڭەش ئەزالىرى قاتناشقان ئىدى.

ئانسامبىل قۇرغۇچىلىرىنىڭ يەنە بىرى مەخمۇت دەرايېف بولسا، ئۆزىنىڭ م. ئەخمەدىيېف بىلەن قانداق قىلىپ تونۇشقانلىقىنى مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «بىر كۈنى ئۇ كېلىپ پىلانلىرىنى ئېيتتى. ئۇ ناخشىلار ئۇيغۇرچە بولۇش كېرەك، بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ بىلمەسلىكى كېرەك دېدى. ئۇنىڭ تونۇشلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، مەكتەپلەرنىڭ زاللىرىنى كېلىشىۋالدى. ئەڭ مۇھىمى، بىزنى تىياتىر قوللىدى.»

م. دەرايېف دەسلەپكى كۈنلەردە ئەھۋالنىڭ ناھايىتى قىيىن بولغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ خەلقنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.