قازاقىستاندىكى «غۇنچە» بالىلار تىياتىرى يەنە سەھنىگە چىقامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.10.24
almata-qazaqistan-uyghur-senet-oqughuchilar-1.jpg ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا 153-مەكتەپ گىمنازىيەنىڭ غۇنچىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. 2015-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

بۇنىڭدىن يىگىرمە يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىلگىرى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان «غۇنچە» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە باشلىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبىنى ئەنە شۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىل قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، «غۇنچە» ياش تالانتلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئىتىنى، مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىشتا زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن دەسلەپكى سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، ئۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. مەزكۇر ئۆمەك شۇنداقلا ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەردىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سەنئەتكار ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىپ، بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.

«غۇنچە» سەنئەت ستۇدىيىسى قانداق قىلىپ قۇرۇلدى؟ ئۆزىنىڭ راۋاجلىنىش تارىخىدا قانداق سىناقلاردىن ئۆتتى؟ ئۇ كېلەچەكتە يەنە سەھنىگە چىقامدۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «غۇنچە» بالىلار تىياتىرىنىڭ مۇدىرى شارۋانەم رازىيېۋا مەزكۇر ئۆمەكنى قۇرۇش ئويىنىڭ قانداق قىلىپ پەيدا بولغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىر بالىنىڭ قەلبىدىكى سەنئىتىنى ئويغىتىپ، شۇنى چوڭ سەھنىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا يەنە 20-50 بالىنى يىغىش مەقسىتى بىلەنلا ئىلگىرىلەپ كېتىۋەرگەن ئىدىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە شۇ بالىلارنىڭ ئېيتقان ناخشا، ساز، ئۇسسۇللىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى «ئەنشى بالاپان» ۋە رۇسىيەدىكى «سەھەرلىك ناخشا» دېگەندەك پروگراممىلار چىققان ۋاقتىدا، شۇ تېلېۋىزىيە ئالدىدىن كېتەلمەيتتىم. شۇ بالىلىرىمىزنىڭ بىر بولسىمۇ نومۇرى شۇنداق يەرلەرگە قاتنىشىپ، قاتناشقۇچى دەرىجىسىگە چىقىپ، شۇنداق تېلېۋىزىيەلەرگە چۈشسە ئىكەن، دېگەنلا ئارمان بىلەن كېتىۋەردىم. كېچە ۋە كۈندۈز ئىزدىنىشتە بولدۇم.»

ش. رازىيېۋا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا شۇنداق بالىلار بىلەن ئىشلەش ئىستىكى پەيدا بولۇپ، ئالماتا شەھىرىگە بارغىنىدا بۇ ئويىنى ئۇيغۇر تىياتىرى رەھبەرلىكىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تەشەببۇسنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇ ۋاقىتلاردا مەزكۇر ستۇدىيەنىڭ تىكلىنىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان سەنئەتكار-ناخشىچى سەيپىدىن تايىروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا غۇنچىلار نامىنى بېرىش تەشەببۇسىنى كۆرنەكلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست جامالدىن روزىيېف ئوتتۇرىغا قويغان....

ش. رازىيېۋانىڭ تەكىتلىشىچە، 1994-يىلى باھار ئايلىرىدا «غۇنچە» تىياتىرى ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كونسېرت پروگراممىسى بىلەن سەھنىگە چىققان ئىكەن. 1995-يىلى بولسا، «غۇنچە» ئۆمىكى شەھەردىكى چوڭ سەنئەت ئۆيلىرىنىڭ بىرى، ئالماتا پاختا-قەغەز كومبىناتىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى جۇمھۇرىيەتلىك فېستىۋالىنى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا 200 گە يېقىن بالا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك بۇ باشلانمىنى ياخشى قارشى ئالغان.

ش. رازىيېۋا «غۇنچە» تىياتىرى ئىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىدا، بولۇپمۇ ئۇستازلىرىدىن چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇستازلىرىمىز ئۇ دۇنيادا ياتقان بولسىمۇ، ئۇ ئۇستازلار بىزنى تەربىيىلىگەن دەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى ئېيتىپلا كېلىۋاتىمىز. مەن دەسلەپتىلا شۇ ئۇستازلىرىم توغرىلىق سۆز باشلاپ، ئاندىن كېيىنكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىمەن.»

ئۇ بولۇپمۇ مەرىپەتچى ھېنىپاخۇن باراتوف، ئاتاقلىق كومپوزىتور ئىكرام مەسىموف، تىياتىرشۇناس ئەخمەتجان قادىروف، ‹ناۋا› ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى ئازاد بۇرھانوف، ئالىمە بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، خانىم-قىزلار رەئىسى ئەختىرىم ئەخمەتوۋا ۋە باشقىلارنى ئۇستاز سۈپىتىدە قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلارنى ياشلارغا ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ش. رازىيېۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «غۇنچە»نىڭ تەشكىلىي كومىتېت ئەزالىرى، يەنى رېژىسسور سەيپىدىن تايىروف، ئاۋاز رېژىسسورى ۋە ئوپېراتور قۇرۋانجان غازىيېف، سەنئەتكار-ئۇسسۇلچىلار تاھىر باراتوف ۋە گۈلنارە سايىتوۋالار شۇنداقلا ياردەمچىلىرى مېرۋانەم ماناپوۋا ۋە ساھىنۇر ئالايېۋالار «غۇنچە» تىياتىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى يىللاردا شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەرھۇم ھېنىپاخۇن باراتوف يېقىندىن ياردەم بېرىپ، غۇنچىلارنى تەييارلاش ئۈچۈن مەخسۇس بۆلۈم ئاجرىتىپ بەرگەن ئىدى. تىياتىر ئۆتكۈزگەن فېستىۋالغا 1998-يىلى 400 گە يېقىن بالا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ناخشا، ساز، ئۇسسۇل، بەدىئىي ئوقۇش، ساتىرا ۋە يۇمۇر بويىچە ئۆز تالانتىنى نامايىش قىلغان ئىدى. ئۇنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشتا بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتىكى «پاناھ» فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ماگىلان شەرىپوف، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن.

«غۇنچە» تىياتىرىنىڭ ياش ئارتىسلىرى قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلىرىدا، شۇنداقلا قىرغىزىستاندا، ئۆزبېكىستاندا سەپەردە بولۇپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى. ش. رازىيېۋا بۇ ئىشلارغا ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرىنىڭ، مەكتەپ مۇئەللىملىرىنىڭ، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرىنىڭ، زىيالىيلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقلىرى ۋەكىللىرىنىڭ، شۇنداقلا شەھەر ۋە ناھىيە ھاكىملىرىنىڭ يېقىندىن ئارىلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەنئەتكار-ئۇسسۇلچى تاھىر باراتوف ئۆز ۋاقتىدا «غۇنچە» بالىلار تىياتىرىنىڭ ياخشى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «ھامىيلار ياردەم قىلمايدىغان بولدى. زاللارنى ئىجارىگە ئېلىش كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن توختىلىپ كەتتى. ‹غۇنچە› فېستىۋالىنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇش ئىستىكىمىز بار. پەقەت ئىقتىساد تەرەپتىن قىيىنچىلىق بار.»

ت. باراتوف يېقىن ئارىدا ش. رازىيېۋا ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «غۇنچە» بالىلار تىياتىرىنىڭ ئىشىنى جانلاندۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا كۆپ كۈچ چىقىرىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.