قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى مىللىي كۇتۇپخانىغا تەقدىم قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.02.28
Milliy-kitabxanidiki-murasim-korunush-1.jpg مىللىي كىتابخانىدىكى مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىل، ئالماتا.
RFA/Oyghan

يېقىندا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قازاقىستان مىللىي كۇتۇپخانىسى خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتى. كۇتۇپخانا خادىمى ئايان جولداسوف مېھمانلارنى كۇتۇپخانىنىڭ ئەھۋالى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان ھاشىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ھەر خىل نەشرىياتلاردىن يورۇق كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار ۋە يازغۇچىلارنىڭ ھازىرقى كۈندىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆزگە چىققان كىتابخانا مۇدىرى جانات سېيدۇمانوف پۈتكۈل كوللېكتىپ نامىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر كۇتۇپخانىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ فوند ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا 6 مىليون 670 مىڭ نەشرىيات بۇيۇمى، شۇ جۈملىدىن 122 تىلدا، 3 مىليون 310 مىڭ كىتابنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يازغۇچىلار ئارىسىدا ياشلار كىتاب ئوقۇمايدۇ دېگەن پاراڭ تارقىلىپ يۈرىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. سەۋەبى، بىز سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى بىلەنمۇ سېلىشتۇردۇق. بەزىدە زاللىرىمىزدا ئورۇن يېتىشمەي قالىدۇ. قىزىقارلىق كىتابلار چىقسا، ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئوقۇيدۇ. ھەقىقىي ئوقۇرمەن بەرىبىر كىتاب ئىزدەپ كېلىدۇ. بۇ يەردە چوڭ مەسىلە بۇ كىتابلارنى تەشۋىق قىلىشتا. بۈگۈنكى مۇراسىممۇ شۇنىڭ يارقىن بىر مىسالىدۇر».

جانات سېيدۇمانوف بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، كۇتۇپخانىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خەلقلەر دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى يازغۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان كىتابلارنى جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي كۇتۇپخانىغا ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز ھەممە يازغۇچىلارنى چاقىرمىدۇق. بۇ بىر باشلىنىش. بىز شۇنىڭغا يول ئاچتۇق. بۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن چوڭ ياخشىلىق دەپ ھېسابلايمەن. كىتابلارنى ساقلاش ھەر كىمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن، بىزدە كۇتۇپخانىلاردىن باشقا كىتاب دۇكانلىرى ناھايىتى جىق، بىراق ئۇلارغا كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەر ئاز. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ كېلەچەك ياشلىرىمىز شۇنداق كۇتۇپخانىلارنى ئىزدەيدۇ دەپ، بىز شۇ خەزىنىگە كىتابلارنى تاپشۇردۇق».

ئەخمەتجان ھاشىرى سوۋېت دەۋرىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ يۈز بېرىپ، بۇ جەرياندا زىيا سەمەدى، جامالىدىن بوساقوف، ھېزمەت ئابدۇللىن قاتارلىق ئونلىغان ئاتاقلىق شائىر-يازغۇچىلارنىڭ يۈزلىگەن كىتابلىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سوۋېت ئىتتىپاقى بار چاغدا ئەدەبىياتنى تەرغىب قىلىش ناھايىتى چون ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئۇنداق دېگىنىم، يازغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ناھايىتى كەڭ دائىرىدە بولۇپ تۇراتتى، قەلەمكەشلەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن كەڭ پىكىر ئالماشتۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا ئەدەبىياتنى تەشۋىق قىلىش فوندى بولغان ئىدى. شۇ فوندتىن يازغۇچىلار ھەر يىلى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلارغا بېرىپ، دېھقانلار، چارۋىچىلار، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشاتتى. كىتابلار دۆلەت ھېسابىغا چىقىرىلاتتى، قەلەم ھەققى تولىمۇ ياخشى ئىدى».

ئەخمەتجان ھاشىرى ھازىر ئەھۋالنىڭ تامامەن ئۆزگەرگەنلىكىنى، يازغۇچىلارنىڭ نېمىنى خالىسا، شۇنى يازالىسىمۇ، ئامما كىتابلارنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ناھايىتى سۇسلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئىلگىرىكى يازغۇچىلارنى قوللاش فوندىنىڭمۇ ئۆز ئىشىنى توختاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشىنىڭ كېمىيىپ، بەزى كىتاب دۇكانلىرىدا كىتابلارنىڭ توپا بېسىپ ياتقانلىقىنىمۇ يوشۇرمىدى.

ئەخمەتجان ھاشىرى، ھازىر ئاز ساندىكى كىتابلارنىڭ دۆلەتنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن نەشر قىلىنىپ، ئايرىم كىتابخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمىنىڭ شەخسىي ئىقتىساد ياكى ھامىيلار ھېسابىغا يورۇققا چىقىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنى تارقىتىش ياكى سېتىشتىمۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شائىرە خۇرشىدە ئېلاخۇنوۋانىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ۋاقىتقا قارىغاندا، سوۋېت دەۋرىدە يازغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىشىغا كۆپلىگەن مۇمكىنچىلىكلەر يارىتىلغان ئىدى.

ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا يازغۇچىلاردىن كۆپ نەرسىلەر تەلەپ قىلىنسىمۇ، لېكىن ساپالىق كىتابلارنىڭ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇرشىدە ئېلاخۇنوۋا يەنە ھازىرقى ۋاقىتتا ھەر كىمنىڭ،ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئىجاد قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئادەم پىكىر قىلاتتى. شۇنىڭغا قاراپ ھۆكۈمەت كىتابنى ئۆزى چىقىم قىلىپ چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىمىز ئالغا باساتتى. ھازىر گېپىمىز ئۆتمەيدۇ. يازغۇچى كىتابىنى سېتىپ، ئۇنىڭ چىقىمىنى ئۈندىرەلمەيدۇ. ئەمما بۇنى ئويلىماسلىق كېرەك. سوۋېت ۋاقتىدا ھۆكۈمەت ئۆز ئاخچىسىغا چىقىرىپ، ئۆزى تارقىتاتتى. ئۇنىڭغا قەلەم ھەققىمۇ تۆلىنەتتى».

خۇرشىدە ئېلاخۇنوۋا سوۋېت دەۋرىدە يازغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالاھىدە غەمخورلۇق ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئابرويىنىڭمۇ ئىنتايىن ئۈستۈن بولغانلىقى ۋە ماددىي جەھەتتىنمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، يازغۇچىلار مەخسۇس ئۆي، دەم ئېلىش يوللانمىلىرى ۋە باشقىمۇ يېنىكچىلىكلەر بىلەن تەمىنلەنگەن.

ئەمما، خۇرشىدە ئېلاخۇنوۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن بولسا، يازغۇچىلار ئىلگىرىكى سوۋېت ئىدېئولوگىيەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، ئەركىن ئىجاد قىلىش، خالىغان ماۋزۇدا ئەسەر يېزىش ھەم نەشر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچىلار، بولۇپمۇ ياش ئىجادكارلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى قىيىنچىلىقلار بىلەن نەشر قىلىپ، ئۇلارنى تارقىتىشتىمۇ كۆپلىگەن توسالغۇلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.