قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوفتىن ئايرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-03-02
Share
azad-burhanof-305.jpg ئاتاقلىق كومپوزىتور مەرھۇم ئازاد بۇرھانوف.
RFA/Oyghan

ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاغرىقتىن كېيىن، 26-فېۋرالدا ئالماتا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. 27-فېۋرالدا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا دەپن مۇراسىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر ياقلاردىن كەلگەن يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمنى ئاچقان مەزكۇر تىياتىرنىڭ رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېف ئا. بۇرھانوفنىڭ تەرجىمە ھالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، قازاقىستان مەجلىسى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مۇرات ئەخمەدىيېف، ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھىتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، «سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېفلارنىڭ دەپن مۇراسىمىغا كېلەلمەي، تەزىيە يوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئەخمەتجان قادىروف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ھوشۇروف، ئۇيغۇر ناھىيىسى ۋەكىللىرىدىن سەيدالىم ئامۇتوف، سېيسمولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلئەزىز ئابدۇللايېف، مەرھۇمنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىدىن مۇخپۇل يۈسۈپوف، تېلمان باراتوف ۋە باشقىلار ئا. بۇرھانوفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى، ياش سەنئەتچىلەرنى تەييارلاشتىكى، ئارتىسلارنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى ئاشۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئەخمەتجان قادىروف مۇنداق دېدى: «ئازاد ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە ئۆزىنى سەنئەتكە بېغىشلىغان كىشى ئىدى. سەنئەتكە بېرىلگەن كىشىلەر كۆپىنچە ئۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان نەرسىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازادنىڭ تەرجىمە ھالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ كۆپ نەرسىلەردە بىرىنچىلەردىن بولغانلىقىنى بايقايمىز. ئازاد بىرىنچىلەردىن بولۇپ بۈگۈنكى تىياتىر سەنئىتىمىزگە كەسپىي مۇزىكىلىق بىلىم ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنچىلەردىن بولۇپ مۇزىكا مەكتىپىنى تاماملىغان. ئازاد بىرىنچىلەردىن بولۇپ ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىللىرىنى تەشكىللىدى. ئۇ بىرىنچىلەردىن بولۇپ تىياتىرىمىزغا سەمىمىيلىك ئوخشاش ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.»

ئەخمەتجان ھاشىروف بولسا: «مەن ئازىدىم بىلەن ئۇزاق ۋاقىت مۇڭداش ۋە سىرداش بولغان يازغۇچى. مېنىڭ بايقىغىنىم-ئازىدىمنىڭ ھېچ كىمگە ئوخشىمايدىغان بىر سۈپىتى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر خىسلىتى-ئادەملەر بىر كۈنى يولۋاس بولۇپ، بىر كۈنى مايمۇن بولۇپ، بىر كۈنى بۆرە بولۇپ ياشايدۇ، ئازىدىم بولسا ھەر كۈنى ئادەم بولۇپ ياشىغان ئىنسان» دېدى.

رابىك ئىسمايىلوف مۇنداق دېدى: «ئازاد تىياتىرنىڭ پەرزەنتى. ئۇ بىرىنچى كەسپىي سەنئەتكار. ئازاد ئۆزىگە ئۆزى ھەيكەل ئورنىتىپ كەتتى، چۈنكى ئۇ كىتاب چىقاردى. ھە، كىتاب بولسا مەڭگۈ يادىكارلىقتۇر. مەن ئازادنى كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ بىلەتتىم. بىزنىڭ تىياتىرىمىز بار ئىكەن، بىز دائىم ئەنە شۇ ئازادقا ئوخشاش ئادەملەرنى ئۆز خاتىرىمىزدە ساقلايمىز.»

ئېرشات ئەسمەتوف مۇنداق دېدى: «ئازاد ئاكا ھەقىقەتەنمۇ مىللىي سەنئىتىمىزگە سۆز يۈزىدىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىز قالدۇرغان ئىنسان. ئۇيغۇر ناھىيىسىدە بولسۇن، ياركەنت ناھىيىسىدە بولسۇن، ھەر قانداق بىر سەنئەت كوللېكتىپىنى ئالساق، ئۇ يەردە ئازاد ئاكىنىڭ ئىز-تامغىسى بار، دەپ ئويلايمەن. ئازاد ئاكىدەك خەلقىدە ھەقىقىي ئىز قالدۇرۇپ، ئىسمى تارىختا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدىغان ئادەملەر ناھايىتى ئاز.»

سەيدالىم ئامۇتوفمۇنداق دېدى: «ئازاد ئاكىنىڭ تەربىيىلىگەن شاگىرتلىرى مىڭلاپ سانىلىدۇ. چۈنكى ئۇ گورنىي گىگانتتىكى ‹تاڭ نۇرى›، شەھەردىكى ‹گۈلدەستە›، ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ‹ئارزۇ›، ياركەنت تەۋەسىدىكى ‹شاتلىق›، ئۇنىڭدىن سىرت ‹پەرۋاز›، ‹ئۆسەك ساداسى› ئانسامبىللىرى خەلق ئانسامبىللىرى دېگەن نامنى ئالغىچە ئىشلىگەن ئىنسانلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇشۇ كۈنگىچە بىزنىڭ ‹ئارزۇ› ئانسامبىلىدىن قولىنى ئۈزمەستىن ھەر يىلى كېلىپ، بىزنى ئۆگەتتى.»

ئازاد مەشۈر ئوغلى بۇرھانوف 1940-يىلى 28-ئاپرېلدا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت ناھىيىسىگە قاراشلىق پەنجىم يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1959-يىلى ئالماتادىكى چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1963-يىلى تاماملايدۇ. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇ قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسى، 1991-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر ئانسامبىلنىڭ بەدىئىي يېتەكچىسى ئىدى. 2007-يىلدىن تارتىپ تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئا. بۇرھانوف «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ مۇقامچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدى.

ئا. بۇرھانوف «ئاخبارات ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن»، «قۇرمېت» (ھۆرمەت) ئوردېنلىرى ۋە بىر قاتار مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى خەلقئارا ئاخباراتلاشتۇرۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ھۆرمەتلىك پۇقراسى، يەنىمۇ بىر قاتار مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبىدۇر. ئۇ «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى»، «ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مەرۋايىتلىرى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسى گۈلباھار ناسىروۋا ئا. بۇرھانوفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت