ئالماتادا قازاقىستانلىق يازغۇچىلارنىڭ ھېسابات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.03.14
Qazaqistan-uyghur-yazghuchiliri-bir-guruppisi.jpg قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى. 2007-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

14-مارتتا ئالماتا شەھىرىدىكى ئەدەبىياتچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ھەر يىلى ئۆتىدىغان كېڭەيتىلگەن ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان دوكلاتچىلار قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتلىرىدا 2016-يىلى يورۇق كۆرگەن ئەسەرلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەم ئۇلارنى مۇھاكىمە قىلدى. ئالدى بىلەن قازاق ئەدەبىياتىنىڭ پروزا، پوئىزىيە ۋە دراماتورگىيە ساھەلىرى، ئاندىن ساتىرا، فانتاستىكا، تەرجىمە، ھۆججەتلىك ئەسەرلەر، بالىلار ئەدەبىياتى، تەنقىد ئوخشاش ساھەلەر بويىچىمۇ دوكلاتلار ئوقۇلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى رۇس ئەدەبىياتى بويىچە يازغۇچى ۋە تەرجىمان ليۇبوف شاشكوۋا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە شائىرە ۋە ئالىمە گۈلنارە ئاۋۇتوۋا دوكلات قىلدى.

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنارە ئاۋۇتوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆپىنچە ئۆز ئىقتىسادى بىلەن نەشر قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەردە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتكەنكى دەۋرلىرىنى، يەنى بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 70‏- ۋە 90-يىللار ئارىلىقىدىكى تەرەققىياتىنى ئالىدىغان بولساق، بىز بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ خېلى چېكىنگەنلىكىنى بايقايمىز. چۈنكى ھازىرقى كۈندە بىزدە زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، ئىلىيا بەختىيا، جامالىدىن بوساقوف، ھېزىم بەخنىيازوف، دولقۇن ياسىن ئوخشاش ئەدىبلەر يوق ھەم ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىۋاتقانلار تېخى ئۆسۈپ يېتىلمىدى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەتتا ئۆتكەن يىلقى يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى ئالدىنقى يىللار بىلەن سېلىشتۇرساقمۇ خۇددى شۇنداق بىر پاجىئەنى بايقاشقا بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ساپا جەھەتتىن قانداقتۇر بىر چۈشكۈنلۈك بايقىلىۋاتقاندەك. بۇ، بىرىنچىدىن، ئەدىبلىرىمىزنىڭ يېشى يېتىپ، سېپىمىزنىڭ بارغانسېرى شالاڭلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىدىن. ئىككىنچىدىن، يازغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇقنىڭ كېمىيىپ بارغانلىقىدىن ھەم ئەڭ ئاساسى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن دەپ بىلىمەن. ئۈچىنچىدىن، ئىزىمىزنى بېسىپ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئازلىقىدىن. بىز سېپىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئۈچۈن يازغۇچىلىرىمىزنى ھەر قانداق يوللار بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشىمىز ھاجەت. بۇنىڭغا شەخسەن بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيۋاتىدۇ. بۇ يەردە يەنە شۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانداقتۇر بىر يېنىكچىلىكلەرنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەپتىن قوللاشلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلىشتىن باشقا ئامال يوق.»

گ. ئاۋۇتوۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق نەشر قىلىشقا تىرىشماقتا. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ژانىرىنىڭ تەرەققىي ئېتىشىگە زور ئۈلۈش قوشۇپ كېلىۋاتقان كۆرنەكلىك يازغۇچى-دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئىككى ئەسەر، يەنى «نۇر ئانا» ۋە «كەچمەس كۆڭلۈم» پوۋېستلىرىدىن ئىبارەت «تەقدىر» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ تونۇلغان يازغۇچى ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ «نەدە سەن، بەخت؟» ناملىق پوۋېست ۋە ھېكايىلەر توپلىمىنى ۋە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان «ئانا مىراسى» رومانىنىڭ ئاپتورى، يازغۇچى دۈرنەم مەشۈروۋانىڭ «تەقدىر قىسمەتلىرى» ناملىق نۆۋەتتىكى يېڭى كىتابىنى نەشر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى بالىلار ئەدەبىياتى بويىچىمۇ بىر قاتار كىتابلار يورۇققا چىققان. مەسىلەن، قاسىم ئىسمايىلوف ئۆزىنىڭ «ئىچىدە سىر ساقلىمايدىغانلار» ناملىق يېڭى كىتابىنى نەشردىن چىقىرىپ، كىچىك ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان. ئۆتكەن يىلى شۇنداقلا ئاتاقلىق ساتىرىك يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ «بولغان بولمىغۇر ئىشلار» ناملىق كىتابى يورۇق كۆرگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دوكلات قىلغان گ. ئاۋۇتوۋا مىللىي دراماتورگىيە ساھەسىدىمۇ بىر ئاز ئىلگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموفنىڭ «نۇزۇگۇم» ئەسىرى ئۇيغۇر تىياتىرىدا سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئە. ھاشىرىنىڭ «بائۇرچۇق ئارتتېكىن»، ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «ماھمۇد قەشقىرى»، ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئەمگىكى ئاساسىدا يېزىلغان «ئابدۇقادىر داموللا» ئەسىرى، يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموفنىڭ «ئۆمۈر شىرنىسى» ناملىق چۆچەك-سەھنە ئەسىرى قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تەكىتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا ئەسەرلەر كەڭ ۋە ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپ، ھەر بىر مىللەت ئەدەبىياتىغا ھەم ئۇنىڭ ساھەلىرىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىلگەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىشتا ھەم ئۇنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىر ئاز يازغۇچىلىرىمىز ئەسەرلىرىنىڭ قازاق ئوقۇرمەنلىرىگە يەتكەنلىكى تەكىتلەندى. مېنىڭمۇ، يازغۇچى پاتىگۈل مەقسەتوۋا ئەسەرلىرىنىڭمۇ قازاقچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا قازاق يازغۇچىلىرى دوكلاتلىرىدا دۈرنەم مەشۈروۋانىڭ «ئانا مىراسى» رومانىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسى ھەققىدە كەڭ توختالدى.»

يىغىننى يەكۈنلىگەن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئورازالىننىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەتتە قازاقىستانلىق يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنى دۆلەت بۇيرۇتمىسى بىلەن نەشر قىلىش ھەم ئۇلارغا قەلەم ھەققى تۆلەش مەسىلىلىرى كەڭ تۈردە مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈمىدلەر پەيدا بولماقتا ئىكەن. ئۇ ئەڭ ياخشى دەپ تونۇلغان ئەسەرلەرنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى ھەم يازغۇچىلارنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنىڭ جانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.