قازاقىستاننىڭ مالىۋاي يېزىسىدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسى تەقدىرلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-03-18
Share

مەلۇمكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن 2015-يىل «قازاقىستان خەلق ئاسسامبلېيىسى يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ جاي-جايلاردا ھەر خىل مۇراسىملارنى ئۆتكۈزمەكتە.

يەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە يىگىت باشلىرى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇنداق پائالىيەتلەر كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا. ئەنگە شۇلارنىڭ بىرى 15-مارتتا ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ مالىۋاي يېزىسىدا ئۆتتى. بۇ پائالىيەتتە مەزكۇر يېزىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسى، 80 ياشلىق كەرىم خۇدابەردىيېف تەقدىرلەندى. كەرىم خۇدابەردىيېف تونۇلغان دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىس بولۇش بىلەنلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇ، يەنە «نۇزۇگۇم» ، «ئىپارخان» نامىدا ماي پۇرچاقنىڭ يېڭى سورتىنى يېتىلدۈرگەن.

بىز مەزكۇر مۇراسىم ۋە كەرىم خۇدابەردىيېف ھەققىدە بىلىش ئۈچۈن شۇ ناھىيىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ھەم ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان، شائىرە ۋە خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرىنى بىرى تاشگۈل ھېزىياروۋانى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت