قازاقىستاندىكى «خۇشاللىق» مىللىي ئانسامبىلى بۇ يىلى 40 يىللىقىنى قارشى ئالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.07.18
xushalliq-milliy-ansambili-1.jpg «خۇشاللىق» مىللىي ئانسامبىلىنىڭ دەسلەپكى كونسېرتىدىن كۆرۈنۈش. 1974-يىلى، ئالماتا ۋىلايىتى.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى تالدىقورغان ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، چېلەك، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردا ئۇيغۇر مىللىي ئانسامبىللىرى تەشكىللەنگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرىنچى توپىنى ئۇيغۇر مىللىي ساز ئەسۋابلىرىدىن تۈزۈلگەن ئانسابىللار ئىگىلىگەن بولسا، ئىككىنچى توپىنى زامانىۋى ياۋروپا ئىستىلىدىكى ئەسۋابلار ئانسامبىللىرى تەشكىل قىلدى.

70-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر ئانسامبىللىرى ئىچىدە بولۇپمۇ ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىدا تەشكىللەنگەن «خۇشاللىق» ئانسامبىلى ئەنە شۇنداق زامانىۋى ياۋروپا ئىستىلىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدىن بولۇپ، بۇ يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ 40 يىللىقىنى قارشى ئالماقتا.

«خۇشاللىق» ئانسامبىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان 40 يىل مابەينىدە قانداق ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلدى؟ سوۋېت تۈزۈمى دەۋرىدە قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرىدى؟ ئۇنى كىملەر باشقۇردى ھەم ئۇنىڭ تەركىبىدە كىملەر بولدى؟ ئانسامبىلنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى قانداق، ئۇ ئورۇنلاۋاتقان پروگراممىلارنىڭ مەزمۇنى نېمىدىن ئىبارەت؟

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ ئانسابىلنى دەسلەپ تەشكىل قىلغان ئۇنىڭ سابىق ئەزاسى، سەنئەت دوكتورى ۋە ئاتاقلىق رەسسام ھاكىمجان گۇلىيېف ۋە ئانسامبىلنىڭ بۈگۈنكى رەھبىرى ھاشىمجان ناسىروفلارنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.