قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2018-يىللىق قۇربان ھېيتىدىن نەمۇنىلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت بولۇپ، بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلمەكتە. 21-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇلۇغ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى مەسچىتلەرگە توپلىشىپ بىرلىكتە ئوقۇدى. بىشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھېيت نامىزىنى بىشكەك شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا ئوقۇدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللىق ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن قىرغىزىستاندىن مەككىگە 5400 گە يېقىن كىشىنىڭ سەپەر قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار ئىكەن.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان قۇربانلىق تارقىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باشچىلىقىدا ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر قاتار ساخاۋەتلىك ئىشلارنى باشلىدى. بۇنىڭغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رىياسەتچىلىك قىلدى.

تۆت يىلدىن بۇيان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يېزا-شەھەرلەردە موھتاج ئائىلىلەرگە قۇربانلىقلارنى تارقىتىپ كەلمەكتە. 2016-يىلدىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىمۇ قۇربانلىق قىلىنىۋاتىدۇ. ھەر يىلى ياردەم كۆرسىتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ.

گېرمانىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» دىن ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى ئارقىلىق 2015-يىلى قىرغىزىستاندىكى 400 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىرىنچى قېتىم قۇربانلىق ئەۋەتىلگەن ئىدى. 2016-يىلدىن باشلاپ گېرمانىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» بىلەن قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ، بىر قاتار خەير-ئېھسان ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف شەھىرىدىكى تۈرك قېرىنداشلاردىن قىرغىزىستانغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ژۇرنالىست رەجەپ ئاتەش ئەپەندى ھەر يىلى قۇربانلىقلارنى پۈتۈن دۇنيادىكى موھتاج مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىز جەرفيانىدا ئۇيغۇر خەلقىنى ئالاھىدە سۆيىدىغانلىغىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىز پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ياردىمىمىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما بىز ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە قاراۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بىز ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالاھىدە بىر مەسىلە. جەمئىيەت رەئىسىمىز ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەر دائىم بىزگە تونۇشتۇرماقتا. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىچىمىز كۆيىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر كۈندىلا پەيدا بولۇپ قالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يىللارچە بېسىم-زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. بولۇپمۇ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، زۇلۇم قىلىشتا چەكتىن ئاشتى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەركىزىمىز زۇلۇم ئاستىدا قالغان پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلساق دەپ ئويلايمىز، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشىنى بەكمۇ خالايمىز. ئەلۋەتتە، بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز موھتاج بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىدا تۇرۇشنى خالايمىز. سىلەر يالغۇز ئەمەس، بىز ھەر دائىم سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمىز. ئاز بولسىمۇ بۇ ھېيتتا بىر قىسىم ياردىمىمىزنى ئەۋەتتۇق.»

ئۇ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى قۇربانلىقلارنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا ئارتىق ھاجىيېف باشلىق ئىتتىپاق جەمئىيىتى، يىگىت باشلىرى ۋە ئاياللار كېڭەشلىرى بىرلىكتە ياردەم كۆرسىتىشتى. ئۇندىن باشقا مۇھەممەدئەلى پالتىېفقا مەخسۇس رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!»

بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا گېرمانىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا قىرغىزىستاننىڭ چۇ ۋىلايىتىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قۇربانلىق قوي ياردەم قىلىندى. جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردىن ئوش، جالالئاباد ۋە ئۆزگەن ۋىلايەتلىرىدە موھتاج ئائىلىلەرگە 70 كە يېقىن قۇربانلىق قوي تارقىتىلدى. قۇربانلىق گۆشلەر مىللەت ئايرىماستىن پۈتۈن قىرغىزىستاندىكى موھتاج ئائىلىلەرگە ۋە شۇنداقلا دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلدى.

«ئالامېدىن» ۋە «ۋوستوك» مەھەللىلىرىنىڭ يىگىت بېشلىرى ئەبدۇلھەكىم ئەپەندى ۋە ئابدۇجېلىل ئەپەندى جامائەت نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى يولىدا تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا كۈچ-قۇۋۋەت تىلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف مۇشۇ ساخاۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ياردەم كۆرسەتكەن مەركەزلەر ۋە شەخسلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم خىزمەت نىزاملىرىدىن بىرى-قىرغىزىستان بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى ھەمدە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىشتۇر.

ھازىر قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتى بويىچە 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت