قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.08.27
ana-tilida-bilim-berish.JPG چېلەك يېزىسىدا «مەكتەپكە يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىلىدا بىلىم بېرىش-كېلەچەكنىڭ كاپالىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ئاۋغۇست، ئالماتا.
RFA/Oyghan

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 20-يىللىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنى ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكى تارىختىن ياخشى مەلۇم.

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرى ۋە ئالماتا شەھىرى ئۆزىدە 70 كە يېقىن تازا ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلاردا مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىلىم ئالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى سانىنىڭ ئازلاپ كېتىپ بارغانلىقى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى، شۇ جۈملىدىن جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى، يۇرت-جامائەتچىلىكىنى، زىيالىيلارنى ۋە باشقىلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىللىي مائارىپنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىگە بىپەرۋا قارىمايدىغان بارلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە چارىلەرنى قوللانماقتا ۋە بارچە مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلانماقتا. يېقىندا چېلەك يېزىسىدا ئەنە شۇنداق چارە-تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ چارە«مەكتەپكە يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلۇۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ ئۇستازلىرى، ئاتا-ئانىلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، تىجارەتچىلەر، ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى«ئانا تىلىدا بىلىم بېرىش-كېلەچەكنىڭ كاپالىتى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئاينىسەم ۋايدىنوۋا ئاچتى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ناھىيىلىك بىلىم بۆلۈمىنىڭ مېتودىستى تولقىن مۇخاممېت قىزى، چېلەك يېزىلىق رايونى ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى مەدى بېكتاسوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللى-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف، شۇ مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋا، مەركەز يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئالماتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف،«مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف، تىجارەتچى مەقسەت قاھاروف، ئانا مەكتەپنى قوللاش فوندىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف، شۇنداقلا ناھىيەگە قاراشلىق ھەر يېزىلاردىن كەلگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇدىر ئورۇنباسارلىرى، يىگىت باشلىرى، ئۇستازلار ۋە باشقىلار ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئارتۇقچىلىقى، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن داۋامىدا تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى ناچار ئائىلىلەرگە، يېتىم-يېسىرلارغا، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە خەيرخاھلىق كۆرسىتىش ئاماللىرى، بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قېلىش سەۋەبلىرى، يېڭى ئوقۇش يىلىغا تەييارلىق، ئانا تىلىدا ۋە كۆپ تىللىق بىلىم بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى مالىۋاي يېزىسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇستازى ئارزۇگۈل ئابدرىموۋا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئانا مەكتەپنى قوللاش فوندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەزكۇر ئەنجۇماننىڭ مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مەقسىتىمىز ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ موھتاج جايلىرىنى بىلىپ، شۇلارنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت. بىز ئۆزلىرىمىزنىڭ بارلىق ھامىيلىرىنى، پائال يەرلىك قاتناشقۇچىلارنى، يىگىت باشلىرىنى، ئاياللار كېڭىشىنى، ئانىلار كېڭىشىنى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ۋە مۇئەللىملەرنى مۇشۇ ئەنجۇمانغا تەكلىپ قىلدۇق. ئەڭ بىرىنچى سۆزنى مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئۇستازلارغا بەردۇق. بۇ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى بويىچە 15 مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئالىدۇ. ئەنە شۇ ئۇيغۇر بالىلىرىدا قانداق مەسىلىلەر بار ئىكەنلىكى بىلىش مەقسىتىدە بىرىنچى سۆزنى شۇلارغا بەردۇق. ئۇلار، ئەلۋەتتە، ئۆز پىكىرلىرىنى ئېيتتى. مۇشۇ ۋاقىتتا قىزغىن سۆھبەت باشلاندى. سۆھبەت نەتىجىسىدە بالىلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئەمەس، رۇس ياكى باشقا تىلدىكى مەكتەپلەرگە كېتىپ بارغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ، ئەلۋەتتە، ئېچىنارلىق ئەھۋال. بىز مۇشۇنىڭدىن چىقىش يوللىرىنى ئىزدەشتۈردۇق. بىزگە كۆپ ياردەم قولىنى سوزغان ئالىمجان تىلىۋالدى، شاۋكەت ئۆمەروف مېتودىكىلىق ياردەم كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى».

ئا. ئابدرىموۋا شۇنداقلا مەكتەپلەرگە ئوقۇش دەرىسلىكلىرىنى يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا«مەكتەپ» نەشرىياتى يېنىدىكى ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى ر. غوجامبەردىيېفنىڭ يېقىندىن ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى، مەكتەپ ئوقۇش پروگراممىلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا دۆلەت رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ«مەڭگۈ ئەل» ئىدىيىسى بويىچە ئىلگىرى سۈرگەن پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىلىم بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى سانىنىڭ ئازلىقى كۆپچىلىكنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: ئەنجۈماندا«مەكتەپكە يول» تەشەببۇسى بويىچە تۆۋەندىكى ھامىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ، ئەلۋەتتە، ئەڭ چوڭ ئۇتۇقىمىز. بۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا، ئانا تىلىغا بولغان كۆيۈنۈشى، ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى، دەپ بىلىمەن. مەسىلەن، مەخسەتجان قاھاروف، ئالىمجان تىلىۋالدى، شاۋكەت ئۆمەروف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە«قارلىغاش» مەملىكەتلىك ئەمەس تەشكىلاتى. مۇشۇنداق چوڭ ياردەملەرنى بىز ئەنجۈماندا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار، دەپ بىلىمىز. بۇ يەردىكى ئەڭ يۈكسەك ئۇتۇقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ئېنىق تۈردە بىلىۋالدۇق. ئەمدى بىزنىڭ كېلەچەكتىكى قەدىمىمىز-بۇ ھەممىسىگە مېتودىكىلىق ياردەم كۆرسىتىش ۋە قانداق مەسىلىلەر بولۇۋاتىدۇ مۇشۇنى ئالىملار ياكى مائارىپ ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشتۈرۈش، دەپ بىلىمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.