قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى يىللىق ھېسابات بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.11.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

4-نويابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا قازاقىستان ئۇيغۇر يىگىت باشلىرىنىڭ يىللىق ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتى، شۇنداقلا جەنۇبىي قازاقىستان، شەرقىي-شىمالى قازاقىستان، ئاقمولا ۋە باشقىمۇ ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ بېشىنى قوشىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستان يىگىت باشلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قوشنا قىرغىزىستان يىگىت باشلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەت باغلىغانلىقىنى كۆپچىلىك ياخشى بىلىدۇ.

بۇ كۈنى ئۆتكەن ھېسابات يىغىنىنى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئېچىپ، ئۇ يىگىت باشلىرىنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدە ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تۇتقان ئورنىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئاندىن چوڭ دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف بىر يىل ئىچىدە قىلىنغان ئىشلار، بۇ ئىشلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ، بولۇپمۇ قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسىنىڭ 20 يىللىقى، قازاق خانلىقىنىڭ 550 يىللىقى ۋە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىغا باغلاشتۇرۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئاتاپ كۆرسەتتى. ئۇ شۇنداقلا يىگىت باشلىرى ئالدىدا تۇرغان بەزى مۇھىم مەسىلىلەر ھەم كېلەچەك پىلانلار ھەققىدىمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر باش قوشۇشتا شۇنداقلا ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەتنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، «نۇر ۋەتەن» پارتىيىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئاسىمجان زىلاۋدىنوف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ساۋۇت ئىسكەندەروف، شەھەرلىك باش يىگىت بېشى ئىنەمجان خۇدايبەردىيېف، سۇلتانقورغان مەھەللىسى باش يىگىت بېشى غەيرەت مەمىتەلىيېف، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى باش يىگىت بېشى يارمۇھەممەت كىبىروف، ئۇيغۇر ناھىيىسى باش يىگىت بېشىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇكېرىم سەيدۇللايېف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى ئىشىكتە رايونىنىڭ باش يىگىت بېشى تۇرسۇنمەھەممەت ئابدۇسېمەتوف ۋە باشقىلار يىگىت باشلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋەزىپىلىرى، يۇرت-جامەتچىلىك بىلەن ئىشلەشنىڭ يوللىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر، ياشلار ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف بىر يىل ئىچىدە قىلىنغان ئاساسىي ئىشلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى ھەر يىلى سېنتەبىر، ئۆكتەبىر ئايلىرىدا يىگىت باشلىرى كۈنىنى ئۆتكۈزىمىز. بۇ ئەئەەنىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇلتۇر بىز بەش يىللىقنى چوڭ ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ يىلى ياركەنتتىن باشلاپ ئۇ يېقى ئۇزۇنياغاش، ئالماتا ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يىگىت باشلىرىنى يىغىپ، بىر يىللىق ھېسابات بەردۇق. بىر يىلدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالساق، بىرىنچىدىن، پرېزىدېنت سايلىمى بولغاندا ئۇنىڭغا يىگىت باشلىرى تولۇق قاتناشتى. پرېزىدېنتنىڭ 99 پىرسەنت ئاۋاز ئېلىشىغا يىگىت باشلىرىنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ھەسسىسى بار، دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا غالىبىيەتنىڭ 70 يىللىقىدا، ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز، ھەر بىر مەھەللىدە يوق دېگەندە بىردىن، ئىككىدىن بولسىمۇ سوقۇشقا، ئارقا سەپكە بولسۇن قاتناشقانلار بار، شۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۆيلىرىگە بېرىپ، ھالىنى سوراپ، شۇنداق ئىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. بىزنىڭ ئالىي كېڭەش ئەزامىز مۇرات ئەخمەدىيېف بىلەن تۆرت كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر، ياركەنت، رايىمبېك ۋە ئەمگەكچىقازاق رايونلىرىغا بېرىپ، ھاكىملار، خەلق بىلەن ئۇچراشتۇق. گېزىتىمىز مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف بىلەن يېقىندا ياركەنتكە بېرىپ، يەتتە مەھەللىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. ئۇ يەرلەردە بولۇپمۇ ھاكىملارنىڭ يىگىت باشلىرىغا بولغان كۆزقارىشى ياخشى. سەۋەبى ھەر قانداق ئىش مەھەللىلەردە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاردا يىگىت باشلىرىسىز ھەل بولمايدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، يىگىت باشلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەت ئەزاسى ئە. شەردىنوف، «نۇر ۋەتەن» پارتىيىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئا. زىلاۋدىنوفلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇ يىلى، مەسىلەن، قاراغاندا ۋىلايىتى ھەم ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ خەشكىلەڭ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردىن زەرداب چەككەنلەرگە 3 مىليون 700 مىڭ تەڭگە پۇل ۋە 3 مىليون تەڭگە ماددىي ياردەم بېرىلىپ، يىگىت باشلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.