كىچىك مىرەندىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوغرىلانغان ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-01-04
Share
Kaliforniye-Teklimakan-momiyasi-korgezmisi-3-305.jpg كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مەدەنىيەت-سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىم مۇمىيالىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق دېگەن يېرىدىن بايقالغان 8‏-10 ئايلىق بوۋاقنىڭ قۇرۇغان جەسىتى.
RFA Photo / Erkin

ئارخېئولوگلار تەكلىماكاندا قۇم ئاستىغا ئۇزۇن تارىخنىڭ ئىزنالىرى بولمىش قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى كۆمۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى چاقىلىقتىكى كىچىك مىرەن يەنى (كىچىك دەريا) قەدىمىي قەبرىستانلىقىدۇر.

كىچىك مىرەن خارابىسى 10 يىللار ئىلگىرىلا مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، خەۋەرلەردىن كۆرە دائىرىلەر تېخى يېقىندىلا بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىغا قوغداش پونكىتى تەسىس قىلغان. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئاسارئەتىقە ئورنىنىڭ تېخى تولۇق ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالماي تۇرۇپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. مۇتەخەسسىسلەر كىچىك مىرەندىن قېزىۋېلىنغان تېپىلمىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە بېكىتىشتە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىشىدا پروگرامما ئاڭلىتىمىز.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە نەقىل ئېلىنغان چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يىڭشنىڭ سۆزلىرى، بۇ قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىنىڭ يېقىنقى يىللاردا زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

جاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە،كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «كىچىك مىرەن قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش پونكىتى» يوپۇقىنى ئاچقان. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە شارائىتىدىكى قىيىنچىلىقلار بۇ يادىكارلىق ئورنىنى قوغداش خىزمىتىگە رىقابەت ياراتقانلىقى ئۈچۈن 330 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ 160 نىڭ ئوغرىلانغان ۋە بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئارخېئولوگلار كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا 2000-يىلىدىن 2004-يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان نۇقتىلىق ئېنىقلاش خىزمىتىدە 2500كۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەم ئېنىقلانغان. قەبرىستانلىقتىن چىققان نۇرغۇن قەدىمىي جەسەت ۋە قىممەتلىك دەپنە بۇيۇملىرى 2012-يىللىق جۇڭگودىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشقا كىرگۈزۈلگەن.

تەكلىماكان قۇملۇقى باغرىدىكى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە، كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇمكۆل بىلەن ياقىنلىق كۆل ئارىسىدىن غەربىي جەنۇبقا يەنى ئارغان تەرەپكە ئاققان بىر ئېقىنى بويىغا جايلاشقان. لوپنۇر رايونى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان لوپ قۇملۇقىدىن بايقالغان، شەرقتىكى داڭلىق كروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىگە 175 كىلومېتىر كېلىدۇ. گەرچە خىتاي ئارخېئولوگلىرى بىر قېتىملىق قېزىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتتا بۇ داڭلىق خارابلىق يەنىلا قۇملۇقتا كۆمۈلۈپ، تالاي بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ، سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئەمما، ھەقىقەتەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىچىك مىرەن نىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

يېقىندا، «شىنجاڭدىكى 3600 يىل بۇرۇنقى جەسەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇۋاق پىشلاق ساقلانغان» دېگەن تېمىدىكى يوللانما تورلاردا تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ پىشلاق كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىكى «كىچىك مىرەن مەلىكىسى» نىڭ جەسىتىدىن بايقالغان بولۇپ، بۇ سىرلىق جەسەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى دەل مۇشۇ كىچىك مىرەندىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار پەقەت ئۇۋاق ماددىنىڭ ئاقسىل ۋە ماي ئىكەنلىكى، «كىچىك مىرەن مەلىكىسى» قېزىۋېلىنغاندا ئۇنىڭ يۈزى ۋە بوينىدا بىر قەۋەت نەرسىنىڭ چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ بىر قەۋەت نەرسىنىڭ پىشلاق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈلگەن.بۇ بايقاش ئارخېئولوگىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.

ھالبۇكى ئىلگىرىكى رادىئو زىيارەتلىرىمىز ئارقىلىق يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىدىن تېخى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئاخىرلاشمىغان نۇقتىلىق قوغدىلىشقا تېگىشلىك كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ يەرلىكتە ھوقۇق ئىگىلىگەن بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل قانۇنسىز مەخپىي يوللار ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە ئېچىلىپ، مۇۋاپىق قوغداش تەدبىرلىرىنى ئالماي، ئەكسىچە خالىغانچە ئېچىش ۋە ئاسارئەتىقىلەرنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرىگە يوچۇق ئاچقانلىقى. جايلاردا قۇرۇلغان، شارائىتى مۇكەممەل بولمىغان قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ ئىلغار قاتناش قوراللىرى، يۇقىرى ئوغرىلىق تېخنىكىسى ۋە ئەسۋابلىرىغا ئىگە ئاسارئەتىقە بۇلاڭچىلىرىغا زەربە بېرىشتە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خوتەندە «خەلقئارالىق ساياھەت ھەمكارلىق شىركىتى» نامىدا شەخسى ساياھەتچىلىك شىركىتى قۇرۇۋالغان خېنەنلىك دېڭ جەنخۇا ئىسىملىك بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا كىرىش چەكلەنگەن كىچىك مىرەن غا ئوخشاش قەدىمىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغا ساياھەتچى ئېلىپ كىرىشتە ئۆزىنىڭ كارامەت يوللىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ «قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغىمۇ ئەكىرەلەيمەن، خوتەن ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى باشلىقى، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى، ساقچى دەمسىز ھەر قانداق جايدا ھەمكارلىشىدىغان يېقىن تونۇشلىرىم بار. ئاسانلا رۇخسەت خەتلىرىنى چىقىرىپ يول ئېچىپ بېرىدۇ، ھەتتا ھېچكىم كىرەلمەيدىغان مەسىلەن مىرەن، نىيە خارابىلىكى دېگەندەك قوغدىلىدىغان ئاسارئەتىقە ئورۇنلىرىغىمۇ ساياھەتكە باشلاپ كىرەلەيمەن، جۇڭگولۇق بولسىڭىز 100مىڭ يۈەن، سىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەرگە 100مىڭ دوللار كېتىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى.

خىتاينىڭ «جۇڭگو رادىئو تورى»نىڭ 31-دېكابىر خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايى دېلولارنى بېجىرىشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنلاردىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. ئۇنىڭدا دۆلەت قوغدايدىغان مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مەشھۇر ئاسارئەتىقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋەتكەن ياكى يوق قىلىۋەتكەنلەر؛ كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى كۆپ جايدىكى مەشھۇر ئاسارئەتىقىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قىلمىشى ئېغىر ھېسابلىنىدۇ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى چىقارغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىش مەمۇرىي قارارى ياكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۇيغۇر بىرىنچى ئەۋلاد ئارخېئولوگلىرىدىن ئامېرىكىدىكى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىچىك مىرەن دىكى قىممەتلىك مەدەنىي بايلىقلارنىڭ قانۇنىي مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇرلاردا ئاسارئەتىقىلەرنى، تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ھەم تەتقىق قىلىش تارىخىي، سىياسىي چەكلىمىلەر سەۋەبلىك بىر قەدەر كېچىكىپ شەكىللەنگەن بولسىمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئالىملىرى، ئارخېئولوگلىرى 19-ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

قۇربان ۋەلى ئەپەندىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قەبرىستانلىق 1910-يىللىرى ئەتراپىدا ئۆردەك تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن ئاشكارا بولغان، «ئۆردەك قەبرىستانلىقى»، «كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى» دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان. ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 1910-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى شۇ زاماندىكى قازغۇچىلار تەرىپىدىن قېزىپ بىر قېتىم ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

قۇربان ۋەلى ئەپەندى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپ شىۋېتسىيەلىك ئارخېئولوگ فولك بېرگمان تەرىپىدىن 1934-يىلى تەكشۈرۈلگەن ۋە ئازراق قېزىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئولوگ فولك بېرگمان 1939-يىلى شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە نەشر قىلغان كىتابىدا ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان، تېپىلمىلارنىڭ تىزىملىكى ۋە مۇلاھىزىسى بېرىلگەن. بۇ كىچىك مىرەن خارابىلىكىنىڭ يىل دەۋرى، خاراكتېرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئارخېئولوگلىرى بۇ قەبرىستانلىقتىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەبرىلەرنى ھازىرقى دەۋردىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرنىڭ ئىزناسى دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، غەرب ئالىملىرى بۇ جايدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ DNA تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن قانداشلىقىنى، قېزىلمىلارنىڭ 6 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا مىرەننىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۇزاق ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ يەكۈنلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت