تۇرپان ئويمانلىقىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمقى ئىشتان بايقالدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.06.13
uyghur-qedimiy-ishtan.jpg تۇرپان ئويمانلىقىدىن تەپىلغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىشتان
German Archeological Institute, M. Wagner


ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر تۇرپان ئويمانلىقىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمقى ئىشتاننىڭ بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، 2003 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۇيۇق يېزىسى تەۋەسىدىكى ياڭخىي قەدىمىي قەبرىستانلىقى قېزىلىپ، قەبرىلەردىن نۇرغۇن بۇيۇملار تېپىلغان. بۇ يىل 5 - ئايدا خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئارخېئولوگلىرى مەزكۇر قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان كىيىم - كېچەكلەرنى بىرلىكتە ئانالىز قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇغان جەسەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئىككى دانە ئىشتان ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن. كاربون 14 ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئانالىز نەتىجىسىدە بۇ ئىشتانلارنىڭ يىل دەۋرىنىڭ 3300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.

ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۇ يېڭى بايقاش دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى مەركىزىي ئاسىيا، جۈملىدىن تارىم ئويمانلىقىنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرغان.

مەلۇمكى، ئىنسانلارنىڭ ئاتقا مىنىش تارىخىنىڭ بۇنىڭدىن 4000 مىڭ يىللار ئىلگىرى باشلانغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىشتاننىڭ ئاتقا مىنىش ئېھتىياجىدىن كەشىپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنداقتا، تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمقى ئاھالىلەر دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ ئىشتاننى كەشىپ قىلىپ، ئات ئۈستىدىكى ھاياتقا ماسلاشتۇرغان كىشىلەردىن ھېسابلىنامدۇ؟

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور قاھار بارات بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالىملار ئىلگىرى ئىشتاننىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. يەنى ھازىرغىچە ئەڭ قەدىمىي دەپ قارالغان ئىشتانلاردىن بىرىنىڭ نېپالدىن بايقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ 2400 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يۇڭ توقۇلما ئىشتاننىڭ 2800 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. نۆۋەتتە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن بايقالغان بۇ ئىككى دانە ئىشتان دۇنيا ئىشتان مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىنى يەنە 500 يىل ئالدىغا سۈرگەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتور قاھار بارات بۇنىڭ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ياڭخىي قەدىمىي قەبرىلەر توپى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان ئەڭ چوڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چەرچەن زاغۇنلۇقتىكى قەدىمىي قەبرىلەرگە ئوخشاشلا بۇ قەبرىستانلىقتىكى قەدىمىي جەسەتلەرمۇ قۇرغاق مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئەسلى ھالىتىنى بۇزمىغان ھالدا ساقلانغان ۋە قۇرۇپ قالغان. 3300 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىككى دانە ئىشتان مەزكۇر قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغان 40 ياشلار چامىسىكى ئىككى ئەرنىڭ جەسىتىدىن يىغىۋېلىنغان. مەزكۇر قەبرىدىن يەنە قامچا، ياغاچتىن ياسالغان ئېغىزدۇرۇق، جەڭ پالتىسى ۋە ئوقيا قاتارلىق بۇيۇملارمۇ تېپىلغان.

خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىشتاننىڭ چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ئىشتاننىڭ يىل دەۋرىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاتنىڭ كۆندۇرۈلۈش تارىخى بىلەن بىر دەۋرگە يېقىنلاشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

گېرمان مۇتەخەسىسلىرى تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغان ئىشتاننى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا
گېرمان مۇتەخەسىسلىرى تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغان ئىشتاننى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا

تۇرپان ئويمانلىقىدىن بايقالغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى ئىشتاننىڭ توقۇلۇش ئۇسلۇبى، رەختىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا كونكرېت بەلگىلىرى ھەققىدە تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرچە يورۇقلۇققا چىقمىدى.

قاھار بارات ئەپەندى، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ياكى زاغۇنلۇقتىن بايقالغان قەدىمىي كىيىم - كېچەك ۋە ئىشتانلار توقۇلما سەنئىتى جەھەتتىن ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئىلغار توقۇلما سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.