پەرھات ھوشۇر قىرغىزىستان دۆلەتلىك ھۆرمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2016.01.27
perhad-hoshur-doletlik-hormet-mukapati.jpg قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىۋ(سودا) ئۇيغۇر يىگىتى پەرھات ھوشۇرغا دۆلەتلىك ھۆرمەت مۇكاپاتى تەقدىم قىلدى. 2016-يىل 23-يانۋار، بىشكەك.
RFA/Azad Qasim

23-يانۋار كۈنى قىرغىزىستاننىڭ 2015-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆتكەن بىر يىل داۋامىدا ھەرقايسى ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان شەخسلەر قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف تەرىپىدىن ھەر خىل مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

قىرغىزىستان چېلىشچىلار كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى، بىشكەكتىكى «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر يىگىتى پەرھات ھوشۇر ئۆزىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك ھۆرمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

پەرھات ھوشۇر ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بىشكەكتىكى «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپچانلىق بىلەن تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە، خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئاسىيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن كۆپلىگەن ماھىرلار يېتىشىپ چىققان.

پەرھات يېتەكلىگەن قىرغىزىستان چېلىشچىلار كوماندىسى 2012-يىلى تايلاندتا، 2014-يىلى موڭغۇلىيەدە، 2015-يىلى ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قىرغىزىستان تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە تونۇلۇشىغا زور ھەسسە قوشقان.

پەرھات ھوشۇر ئەپەندى دۆلەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشى ھەمدە مۇكاپاتلانغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپلا تەنتەربىيىنىڭ چېلىشىش تۈرىگە ئىشتىياق باغلىغان. ياش چاغلىرىمدا ۋە كېيىنچە سوۋېت ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەنتەربىيە ماھىرى بولۇپ باھالانغان. قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، دوستۇم سىدىقجان بىلەن بىرلىكتە ‹بۈركۈت› تەنتەربىيە كۇلۇبىنى قۇرۇپ ياشلارنى تەربىيىلەپ كېلىۋاتىمىز. بىز نۆۋەتتە قىرغىزىستانلىق ماھىرلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.»

«بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى سىدىقجان ئەپەندى ئەڭ يېقىن دوستى پەرھات ھوشۇرنىڭ دۆلەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پەرھاتنىڭ دۆلەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى بىز ئۈچۈن زور خۇشاللىق بولدى. ئۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كۆپلىگەن ماھىرلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. بىز ھازىر، بۇ يىل بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»

پەرھات ھوشۇر يېتەكلىگەن قىرغىزىستان چېلىشچىلار كوماندىسى نۆۋەتتە بۇ يىل فېۋرالدا تايلاندتا، ئاپرېلدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ گىرىك-رىم تۈرى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي مەشىق قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.