قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 27-يىلىنى قۇتلىدى

31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتىكى قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 27-يىلىنى كۈتۈۋالدى.

ئىتتىپاق ئانسامبىلىنىڭ دوپپا ئۇسسۇلى. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.

31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەتتىكى قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 27-يىلىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىر نامزاتى رەھىمجان ھاپىزى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن 31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ 27-يىللىقىنى نىشانلاۋاتىدۇ. بۈگۈنكى بايرام قىرغىزىستان خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ مىللىي بايرىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن 27 يىل ئىچىدە قىرغىزىستان كوممۇنىستىك رېجىمىدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەردە شۇنداقلا ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىغان ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. قىرغىزىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەر بىلەن بولغان سودا، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئالاقىلىرىنى يىلدىن-يىلغا كېڭەيتمەكتە. قىرغىزىستان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە دېموكراتىيەسى ئەڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت. قىرغىزىستاندا يۈزدىن ئارتۇق مىللەت ياشايدۇ. قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتىن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ھازىرقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستان دېموكراتىيەسىدىن تولۇق بەھر ئېلىپ، ئەركىن ياشاپ كەلمەكتە. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى«ئىتتىپاق» گېزىتىمىز چىقىۋاتىدۇ. گېزىتىمىز سەھىپىلىرىدە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ قىرغىزىستاندىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. بۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۆز پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە.»

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارمۇ پائال قاتناشماقتا. قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 27-يىللىقىنى قۇتلاپ جالالئاباد شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى. ئۇلار مۇراسىمدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنداپ، مىللىي تائاملىرى ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە،«ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ گۆدەكلەر توپى نوۋوپوكروۋكا يېزىسىدا قىرغىز ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى ئورۇندىغان. ئۇيغۇرلار يەنە قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن مۇبارەك كونسېرتىغىمۇ پائال قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرىنى تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلغان. ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى يەنە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەڭ-بۇلۇڭ، قارا بالتا، توقماق، بېلاۋودسكى كاتارلىق يېزا-شەھەرلىرىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە مىللىي كىيىملىرى بىلەن مارشقا قاتنىشىپ، سەھنىلەردە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى نى ئورۇندىغان.«ئىنتىزار» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى قەلبىنۇر تۇردىيېۋا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دائىم بۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىدىكى مۇراسىملارغا پائال قاتنىشىپ، قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەرگە ۋە دۇنياغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە «ئالتاي كۆچمەن قەبىلىلىرى»، «يېڭى يىللىق پرېزىدېنت بايرامى»، «دۇنيا كۆچمەن ئويۇنلىرى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بايرام ۋە مۇراسىملارغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي روھىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم بىر دۆلەت بولۇپ، تارىختا بۇ دىيار كۆپلىگەن مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلارغا شاھىت بولغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قەبىلىلەر بىر تەرەپتىن مانجۇر-خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن قوقان خانلىقىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ كېڭەيگەن چار رۇسىيە ئارمىيەسى ھازىرقى قىرغىسزىستان تەۋەسىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار پادىشاھلىقى غۇلىغاندىن كېيىن قىرغىزىستان بولشەۋىكلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدارىسىگە ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر قاتارىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى 70 يىل داۋامىدا قىرغىزىستاندىكى مىللەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي رامكىسى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

1991-يىلى ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلىدۇ. شۇ يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىدۇ.

قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى، دىنىي-ئېتىقادى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلدى. ئالدى بىلەن قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى تەشكىل قىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يول بېرىلدى.

قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قىرغىز، ئۆزبېك ۋە ئورۇسلاردىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت سانىقىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئەمەلىي نوپۇس سانىنىڭ ھۆكۈمەت سانىقىدىن كۆپ جىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى 18-ۋە 19-ئەسىرلەردە تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى شەرقىي تۈرىستاندىن كۆچۈپ چىققانلاردۇر. 20-ئەسىردىن كېيىن، بولۇپمۇ ستالىن دەۋرىدىكى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تۈپەيلىدىن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ يەردىكى ئۆزبېك خەلقى بىلەن ئارىلىشىپ، كۆپ قىسمى ئۆزبەكلىشىپ كەتكەن.

جالالئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى، جالالئاباد ۋىلايەتلىك ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇستەقىل قىرغىزىستاندا، بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە، ئۆز مىللىي روھىنى كۆتۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 27-يىلىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمدا ئۇيغۇرلار. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان. RFA/Féruze