قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۆز خەلقىگە ھۆرلۈك تىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.08.21
Almuta-shehirining-dostluq-mehelliside-otken-qurban-heyt.jpg ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئوتكەن قۇربان ھېيت بايرىمىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 21-ئاۋغۇست، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

21-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى. بۇ كۈنى سەھەرلىكى سائەت 7 دە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت، سۇلتانقورغان، زاريا ۋوستوكا، دوستلۇق مەھەللىلىرىدىكى مەسچىتلەرگە جەم بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇدى ھەم ناغرا ساداسىغا ئەگىشىپ، بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى.

دوستلۇق مەسچىتىنىڭ ئۇستازى بەخىتجان رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتكۈل مۇسۇلمان خەلقىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى چىن قەلبىدىن قۇربان بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «قۇربان ھېيتى ھەممىمىزنىڭ يۈرەكلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، بىر ئۈممەت، بىر مىللەت بولۇپ، تىلەكلىرىمىزنىڭ، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىمىزنىڭ ئورۇنلىشىنى تىلەيمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى بۈگۈن قازاقىستاننىڭ بارلىق مۇسۇلمانلىرىنى قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن رەسمىي تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر خىل دىنلار ۋە مىللەتلەر ۋەكىللىرى ياشاۋاتقان قازاقىستاندا ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر قۇربان ھېيتى بىزنىڭ مەنىۋى بىرلىكىمىزنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە، ئادەملەرنىڭ ئۇيۇشچانلىقىغا ھەم ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىغا چوڭ تۆھپە قوشۇۋاتماقتا. بۇ خۇشاللىق بايرام كۈنلىرىدە ھەر بىر قازاقىستانلىق ئائىلىگە بەخت، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.»

دىنىي زات سەدىردىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان دىنىي ئېتىقادلارغا كەڭ يول ئېچىلىپ، خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتىكەن. ئۇ، قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى ھوقۇقلىرىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سەدىردىن ھاجىم بۈگۈن قازاقىستاندىكى دىنىي پۇرسەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىدە يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلاردا 50-60 يىل ئىلگىرى مۇنداق پۇرسەت بولغان بولسىمۇ، ھازىر يوق. ئۇلار قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن، ھەج قىلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك بەدەللەرنى تۆلەۋاتىدۇ. ھەتتا ئىسلامنىڭ ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دېگەن سالىمىنى بېرىپ، ئايلاپ، يىللاپ تۈرمىگە، لاگېرلارغا چۈشكەن قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر ئەھۋاللارنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. بۈگۈن پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن يايراپ يۈرگەن ۋاقىتتا ئاللاتائالا شۇ خەلقىمىزنى ئازادلىققا ئېلىپ چىققاي.»

ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان دىنىي زات تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مەسچىتلەرنى سېلىپ، ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان. ئۇ، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «بىزمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ، مەسىلەن، گوللاندىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى تۈرك بىرلەشمىسىنىڭ ئىقتىسادىغا بۇ يىلى ئۈچىنچى يىل بولدى، قۇربانلىقنى موھتاج ئادەملەرگە تارقىتىۋاتىمىز. بۈگۈن، يەنى قۇربان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئالمۇتا ۋە ئالمۇتانىڭ ئەتراپىغا 60 تىن ئارتۇق قوي سويۇپ، تارقاتتۇق. بۇنى تەشكىللىگەن بىزنىڭ يىگىت باشلىرىمىز ۋە ياشلار.»

تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق خەيرخاھلىق ئىشلىرى ئايرىم ساخاۋەتلىك شەخسلەر تەرىپىدىنمۇ تۇراقلىق يۈرگۈزۈلۈپ تۇرۇۋاتماقتىكەن. مۇنداق ياردەملەر پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ھال-ئوقىتى ناچار باشقا مىللەت ۋەكىللىرىگىمۇ يەتكۈزۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.