ئالمۇتادا تونۇلغان ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.06.27
Rabik-Ismayilof.jpg تونۇلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، نەشرىياتچى ۋە جەمئىيەت ئەربابى مەرھۇم رابىك ئىسمايىلوف.
RFA/Oyghan

24-ئىيۇندا ئالمۇتادا تونۇلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، نەشرىياتچى ۋە جەمئىيەت ئەربابى رابىك ئىسمايىلوف 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 25-ئىيۇندا شەھەردىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە مەرھۇم بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى.

مۇراسىمنى ئاچقان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى باۋۇرجان جاقىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «رابىك ئاكا قولىغا قەلەم ئېلىپ، مۇشۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنى مەركىزىدە بولۇپ، ھاياتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا بېغىشلىغان ئادەم. ئۇ 1934-يىلى 2-سېنتەبىردە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئالدى. ئاندىن ئۇ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئىشلىدى. 1963-يىلدىن باشلاپ ‹مەكتەپ› نەشرىياتىغا خىزمەتكە يۆتكىلىپ، كوررېكتوردىن باش مۇھەررىر لاۋازىمىغىچە ئۆسۈپ، چوڭ ئەمگەك قىلدى. ئۇ 1973-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ‹ئۇيغۇر سوۋېت دراماتورگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى› ماۋزۇسىدا دوكتور نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلاپ چىقتى. 1992-ۋە 1997-يىللىرى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى باشقۇردى».

باۋۇرجان جاقىپنىڭ ئېيتىشىچە، رابىك ئىسمايىلوف بىر قاتار ئىلمىي مونوگرافىيەلەرنىڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان 200دىن ئوشۇق پۇبلىستىكىلىق ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى ئىكەن. باۋۇرجان جاقىپ ئالىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن دەرسلىكلەرنى يازغانلىقىنى، ھەر خىل ساھەلەر بويىچە قابىلىيەتلىك تەرجىمان بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارمىسى ھەمدە كاتىباتى نامىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموفتىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسادىن تەزىيە خېتى كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى يولداش ئازاماتوف، قازاقىستان ئاپتورلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مارال ئىسقاقباي، تىياتىرشۇناس پروفېسسور ئەخمەتجان قادىروف ۋە باشقىلار رابىك ئىسمايىلوفنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پەنىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلىرىدىكى پائالىيىتىنى يۇقىرى باھالىدى.

مەرھۇمنىڭ سەپدىشى، نەشرىياتچى زېرىپ مولوتوفنىڭ ئېيتىشىچە، رابىك ئىسمايىلوف 1963-ۋە 1994-يىللار ئارىلىقىدا، يەنى ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققۇچە «مەكتەپ» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىرات بۆلۈمىدە ئەمگەك قىلغان. زېرىپ مولوتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىك ئىسمايىلوفنىڭ 30 يىلدىن ئوشۇق ئۆمرىنى نەشرىياتقا، يەنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى تەييارلاشقا سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئىشقا كىرگەن 1980-يىللىرى رابىك ‹مەكتەپ› نەشرىياتىدا باش مۇھەررىر، يەنى ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا چىقىدىغان ئوقۇش قوراللىرىغا مەسئۇل ئىدى. رابىك ئىشقا كەلگەندىن تارتىپ بۇ يەردە چوڭ بىر كوللېكتىپ مەۋجۇت بولغان. شۇ ۋاقىتلاردا نەشرىياتتا ئىككى ئۇيغۇر تەھرىرات بۆلۈمى بولغان. تىل-ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىر بۆلۈم، ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە يەنە بىر بۆلۈم. بۇ بۆلۈملەرنى سۇلايمان ئايۇپوف ۋە ھېزىم نىغمەتوفلار باشقۇرغان. ئۇلار بىلەن يەنە 13 ئادەم ئىشلىگەن ئىكەن. رابىك ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ سۈپەتلىك، زامان تەلىپىگە لايىق چىقىشىغا بىردىن-بىر جاۋابكار ئادەم بولغان دەپ بىلىمەن.»

زېرىپ مولوتوف رابىك ئىسمايىلوفنىڭ پەقەتلا ئالىم، يازغۇچى، تەنقىدچى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ئەربابى رېتىدىمۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ياخشى تونۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىياتشۇناس گۈلنارە ئاۋۇتوۋا رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىدە، شۇ جۈملىدىن ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە كۆپ يىللار ئىزدەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا بۇ ساھەدە مۇرات ھەمرايېف، مەھمۇد ئابدۇراخمانوف، قۇربان توختەموفقا ئوخشاش ئىسمى كۆپچىلىككە ياخشى تونۇلغان ئالىملار ئىشلەۋاتاتتى. رابىك ئاكىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ ئەدەبىياتىمىزدا ئەڭ ئاز تەتقىق قىلىنغان دراماتورگىيە ساھەسى بويىچە دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ چىقتى. ئالىم بۇ جەھەتتە ‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىشنىڭ بەزى مەسىلىلىرى›، ‹ئىزدىنىش يولىدا›، ‹زامان ۋە قەھرىمان›، رۇس تىلىدا ‹ئۇيغۇر دراماتورگىيەسى› گە ئوخشاش ئىلمىي مونوگرافىيەلىرىنى يورۇققا چىقاردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى رابىك ئاكا ئىسمايىلوف ‹ئوتلۇق مۇساپىلەر›، ‹ئۇيغۇر دراما ئەسەرلىرى› ناملىق توپلاملارنى، شۇنداقلا كېيىنكى يىللىرى ‹قەلىمىنى ئۆز خەلقىگە بېغىشلىغانلار›، ‹ئىسىملىرى ئۇنتۇلمايدىغانلار› ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ۋەتەن ماۋزۇسىغا بېغىشلانغان ‹ھەممىدىن ئەلا-ۋەتەن› ناملىق كىتابلارنى يورۇققا چىقاردى.»

گۈلنارە ئاۋۇتوۋا رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر تونۇلغان پەرزەنتى، يازغۇچى پاتىگۈل سابىتوۋا بىلەن ئۇزۇن يىللار داۋامىدا بىللە ئۆمۈر سۈرۈپ، بىللە خەلققە خىزمەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قانلىق ۋەقە «ئاتۇ» پاجىئەسىگە دەسلەپ مۇراجىئەت قىلغان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئونلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئىگىلىشىمىزچە، رابىك ئىسمايىلوف قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ خەلق ۋە دۆلەت ئالدىدىكى خىزمىتى مۇناسىپ باھالىنىپ، قازاقىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ پەخرىي تەقدىرنامىلىرى، «سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى» نىڭ «ئىلھام» مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن. رابىك ئىسمايىلوف شۇنداقلا يەنە «مەتبۇئات ئەلاچىسى» ۋە «قازاقىستان مائارىپ ئەلاچىسى» دېگەن ئاتاقلارغىمۇ مۇيەسسەر بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.