سەنۇبەر تۇرسۇن لوس ئانجېلىستا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ياڭراتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.08.09
senuber-tursun-los-angelis-naxsha.jpg لوس ئانجېلىس شەھىرىدىكى «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى»
RFA

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئويۇنلىرىنى تەشكىللەش مەركىزى grand performance تارقاتقان ئېلاندا 7 - ئاۋغۇست لوس ئانجېلىس شەھەر مەركىزىدىكى كالىفورنىيە پلازا دەپ ئاتىلىدىغان مەدەنىيەت مەيدانىدا «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، تۈنۈگۈن كەچ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تونۇلغان سۇيۇملۇك ناخشىچىسىى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۇي خانىشى سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ بۇ ئويۇنىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قوشقاندا 70كە يېقىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇ ئويۇن ئىنتايىن ھاياجانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، سەنئەتكارلارنىڭ مۇقام ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشا، مۇزىكىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ خىلدىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى ئامېرىكىلىقلارغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇنجى قېتىملىق بۇ كېچىلىكتە سەنۇبەر تۇرسۇنغا سازەندىلەردىن تەمبۈرچى مىجىت يۇنۇس ئەپەندى، غېجەكچى ئادىل ئابلىز ئەپەندى ۋە فىرانسىيىدىكى ئۇسسۇلچى مۇقەددەس مىجىتلەر ھەمكارلاشقان. سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە باشقا مۇزىكانتلانىڭ بۇ بىر ھەپتىلىك ئامېرىكا سەپىرى لوس ئانجېلىستىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە ھەر كۈنى ناخشا كېچىلىكى ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، گەرچە بۇ كېچىلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ سۇيۇملۇك سەنئەتكارلىرى بىلەن بىر دەم مۇڭدىشىش، ھەتتا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان، بۆگۈن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆمەك ئۇيغۇر ئېلىغا قايتقان.

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن، سەنۇبەر تۇرسىۇننىڭ ئاكىسى، تەمبۈر شاھى مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئامېرىكا سىمىسسونىيەن مۇزېيى تەرىپىدىن - 2002 يىلى پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا يىپەك يولى سەنئەت فېستىۋالى»غا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ كونسېرتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

سەنۇبەر تۇرسۇن بۇندىن ئىلگىرى تۈركىيە، لوندون قاتارلىق جايلاردىمۇ ناخشا كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن مەزكۇر خۇش خەۋەردىن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق،

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئەركىن ئەپەندىنىڭ سۆھبىتىدىن بەھرلەنگەيسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.