شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتى (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.08.27
sheng-shisey.jpg 1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىۋالغان لياۋنىڭلىق خىتاي شېڭ شىسەي.
en.wikipedia.org


ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30 - ۋە 40 - يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ھەم بۇ زېمىندىكى ئۆزىنىڭ باشقا ئەشەددىي پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن پايدىلانغان ئىدى.

ستالىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان شېڭ شىسەي قىزىل ئارمىيە كۈچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئارمىيىسىنى تار - مار قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئۇ، ستالىننىڭ قانلىق سىياسىتىگە ئەگەشكەن ھالدا 30 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئاممىۋى تەقىپلەش ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاندا تونۇلغان تارىخچى ۋە ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.