ستالىن سىياسىي بيۇروسى 1934-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھەققىدە مەخپىي قارار چىقارغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.03.04
Joseph-Stalin-305.jpg جوسېف ستالىن.
www.google.com

1931-يىلى، قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلدى.

1932-1933-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئەۋجى ئالدى. 1933-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئەمەس، بەلكى شېڭ شىسەينى قوللاشنى قارار قىلدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەخپىي ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرى ھازىر بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. كەڭ كۆلەملىك مەزكۇر ئازادلىق كۈرىشىگە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. خوجا نىياز ھاجىم مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى سۈپىتىدە تونۇلۇپ، ئۇنىڭ نامى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ ھەتتا رىۋايەت تۈسى ئالدى. 1933-يىلى 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست ئۆتۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى.

رۇسىيە ئالىمى ئاناتولىي بارمىن ئېنىقلىغان سوۋېت ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى مەخسۇس شىنجاڭ مەسىلىسىنى چۈشىنىش ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئۈچۈن، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارى ۋوروشىلوۋنىڭ باشچىلىقىدا مەخسۇس «شىنجاڭنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى» قۇرۇپ، ھەربىي ۋە سىياسىي رازۋېدكا ماتېرىياللىرىنى توپلاشقا كىرىشتى. نەتىجىدە 1933-يىلى، ئاۋغۇستتا ۋوروشىلوۋ مەخسۇس «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ، سىياسىي بيۇروغا سۇنغاندىن كېيىن، 3-ئاۋغۇست كۈنى سىياسىي بيۇرو ۋوروشىلوۋ باشچىلىقىدىكى مەخسۇس كومىسسىيە تەييارلىغان «شىنجاڭ خىزمىتى» قارارىنى تەستىقلىدى شۇنىڭدەك سوۋېت ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

سوۋېت ئارخىپلىرىدا ئۇزۇن مەزگىل مەخپىي ساقلانغان سوۋېت ئىتتىپاقى كوم پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1934-يىلى، 14-ئاپرېلدا چىقارغان «شىنجاڭ ھەققىدە» ناملىق قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ ئۆلكىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، داۋاملىق شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىشى بەلگىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.