ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ تور بېكىتى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.03.29
sutuq-bughraxan-kitaphanisi.jpg ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىغا تىزىلغان كىتابلار.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى، تور بېكەت ئېچىپ كىتابلارنى توردا ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىدا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىچى ۋە چەتئەللەردە نەشر قىلىنغان ھەر خىل تېمىدىكى كىتابلاردىن 500 تۈردىن ئارتۇق كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇتۇق بۇغراخان تور بېكەتتە تونۇشتۇرۇلۇپ ئېلان قىلىندى. تور بېكەت بۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تور بېكەتتە، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، مەدەنىيەت، سىياسەت، پەن-تېخنىكا كىتابلىرى، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە لۇغەتلەر، ھەر خىل تېمىدىكى ئىسلامى كىتابلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن نەشر قىلىنغان مىكرو ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قويۇلغان ۋە كىتابلارنىڭ تاشقى مۇقاۋىسى، ئاپتورلىرى، نەشرىياتنىڭ ئىسىملىرى يېزىپ تونۇشتۇرۇلغان.

تور ئادرېسى: http://sutuqbugrahan.com

بۇ ھەقتە سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: « سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتى ئېلان قىلىندى. كىتابخانىدىكى كۆپىنچە كىتابلارنى ۋە يېڭى كەلگەن كىتابلارنى توردىن كۆرەلەيسىلەر، كىتابخانىغا كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئوقۇرمەنلەر تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ زاكاز بەرسە كىتاب ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. كىتاب ئوقۇپ مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتايلى، تور ئادرېسىنى زىيارەت قىلىڭ. ئوقۇماقچى بولغان كىتابلارنى سىز تاللاڭ بىز ئەۋەتىپ بېرەيلى.»

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇخېلىل ئابىتئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇخېلىل ئابىتئوغلى، بۇ كىتابخانىدىكى كۆپىنچە كىتابلار توردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كىتابخانىغا كېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئوقۇرمەنلەرگە كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە تور بېكەتكە چىقىرىپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.