ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان «تارىخى قىپچاقى» ناملىق كىتابتا ئۇيغۇرلار تارىخىمۇ يورۇتۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تارىخىي قىپچاقى» ناملىق كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى
«تارىخىي قىپچاقى» ناملىق كىتاپنىڭ مۇقاۋىسى
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيەدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلار بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن تارتىپ يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەرشىدىن ھىدايەتوف، مالىك كەبىروف، داۋۇت ئىسىيېف، مەھمۇد قۇتلۇقوف، ئابلەھەت خوجايېف، گېگىل ئىسھاقوف قاتارلىق مەشھۇر تارىخچىلارنىڭ ئەمگەكلىرى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە، خىتاي، ياپونىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ كەڭ تونۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە تەتقىقاتلار يەنىمۇ داۋام قىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يىراق ئۆتمۈشتە ئۆتكەن تارىخچىلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى قايتىدىن نەشر قىلىش ھەم ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىمۇ يولغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ يۆنىلىشتە ھازىر قازاقىستاندا بىر قاتار ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

يېقىندا ئالمۇتادا 18-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق تارىخچى غوجامقۇلى بەلخىنىڭ «تارىخى قىپچاقى» ناملىق ئەمگىكى نەشر قىلىندى. ئۇنى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلار قازاق خەلقىنىڭ تارىخىغا، ئەدەبىياتىغا، مەدەنىيىتىگە ئائىت تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشتىن تاشقىرى، باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىغا، سەنئىتىگە، مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنى نەشر قىلغان ئىدى.

مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ «قوليازما ۋە تېكىستولوگىيە» ئىلمىي يېڭىلىقلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى توقتار ئەلبېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، 2014-ۋە 2017-يىللار ئارىلىقىدا ئىنستىتۇت خادىملىرى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە بولۇپ، تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى كۇتۇپخانىسى ھەم مىللىي كۇتۇپخانا فوندلىرىدىن تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت كۆپلىگەن پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدىكى قوليازمىلارنى ئىزدەپ تاپقان. سوۋېت دەۋرىدە بۇ مەنبەلەرگە ئانچىمۇ ئېتىبار بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇلار ئالىملارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىدىن سىرت قالغان ئىكەن. توقتار ئەلبېكوف شۇلار ئىچىدىن غوجامقۇلى بەلخىنىڭ «تارىخى قىپچاقى» ناملىق ئەمگىكىنىڭ يەتتە نۇسخىسىنى تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا تۈركىي تىللارغا تولۇق تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى ھەم نەشر قىلىنمىغانلىقىنى، بۇ نۇسخىلارنىڭ رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە «تارىخى قىپچاقى» قوليازمىسى بويىچە ۋېنىامىن يۇدىن، خورشۇت، جۇلدىز تۇلېبايېۋا، نۇرلان ئاتىغايېف كەبى ئالىملارنىڭ قازاقىستان تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، بىر قەدەر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەمگەك ئىلگىرى ئايرىم كىتاب بولۇپ چىقمىغانلىقتىن بىزگە ئۇنى تولۇق تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلدى. غوجامقۇلى بەلخى دېگەن كىم؟ بەلخى قىپچاق ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا ھىرات ئۆلكىسىدە ئولتۇراقلاشقان. كېيىن مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇلۇغ موغۇل ئىمپېرىيىسى ئەۋلادلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئافغانىستاندا، ھىندىستاندا بولغان. ئۇنىڭ كىتابىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىكى، بەلخى، بىرىنچىدىن، بۇرۇنقى كىتابلارنى پايدىلانغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز ئىلگىرى بىلگەن ھەم بىلمىگەن كىتابلارمۇ بار. ئىككىنچىدىن، ئۇ كۆپلىگەن تارىخچىلار بىلەن تونۇش بولغان. شۇلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى مەنبە سۈپىتىدە پايدىلانغان. ئۈچىنچىدىن، نەق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى پايدىلانغان. ئەمدى كىتابنىڭ يېڭىلىقى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ئادەمىزاتنىڭ يارىتىلىشىدىن باشلاپ 1722-يىلغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابقا يېقىن شەرق، كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستاندا يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەر كىرگۈزۈلگەن.» 

توقتار ئەلبېكوفنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئادەمىزاتنىڭ يارتىلىشىدىن تارتىپ يۈز بەرگەن بارلىق دىنىي تارىخلار، چىڭگىزخان، ئالتۇن ئوردا، تۆمۈر، شايبانىخان زامانلىرى، ئۆزبېك، قازاق، ئۇيغۇر، ھىندى، ئەرەب ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ تارىخلىرى تەشكىل قىلىدۇ. تەتقىقاتچى «قىپچاقى تارىخى» كىتابى ئاپتورنىڭ 17-ۋە 18-ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن كۆپلىگەن ۋەقەلەرگە ئۆزى قاتنىشىپ، يازغانلىقىنى، مۇشۇ تەرىپىدىن بۇ كىتابنىڭ باشقا مەنبەلەردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ قوليازمىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەجمى 1120 بەت ئەتراپىدا. بىز بۇ كىتابنى چىقارغاندا ئۇ 50 باسما تاۋاقنى، يەنى 800 بەتنى تەشكىل قىلدى. بىز بۇ كىتابنى ئىنستىتۇتنىڭ ئىلمىي لايىھىسى ئاساسىدا نەشر قىلدۇق. بىر ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ لايىھىگە بۆلۈنگەن خىراجەت ئاز بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەجمىنى ئاشۇرالمىدۇق. بىزگە كىتابتىكى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ كۆپىنى قىسقارتىشقا توغرا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق تارىخىي ئەمگەكلەر پايدىلىنىلغان. مەسىلەن، ‹تارىخى تابارى›، ‹رۇزات ئەل-سافا›، ‹تارىخى ھۇمايۇنى›، ‹تارىخى راشىدى›، ‹ئابدۇللا-نامە› ۋە باشقىلار. شۇلارنىڭ بارلىقىغا چۈشەنچىلەر بېرىلىش كېرەك ئىدى. بۇ كىتابنى پارىسچىدىن قازاق تىلىغا بىزنىڭ خادىمىمىز پارىس تىلىنىڭ مۇتەخەسسىسى يۈسۈپ پىلتەن سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلدى.» 

توقتار ئەلبېكوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىنستىتۇت ئالىملىرى كىتابتا ئەرەب، ھىندى، موڭغۇل، تۈركىي سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن، شۇلارنىڭ بارلىقىنى تەرجىمە قىلىشقا تىرىشقان. ئۇلار شۇنداقلا بۇ جەھەتتە كىتابنىڭ ئەسلى تارىخىغا ھېچ قانداق نۇقسان كەلتۈرمەسلىككە تىرىشقان. كىتاب قازاق تىلىدا تۈپ نۇسخا سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئالىملار يەتتە نۇسخىنىڭ ئىچىدىن ئەڭ تولۇقىنى تاللاپ ئالغان ئىكەن. ئالىم بۇ نۇسخىنى قالغان نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تېكىستولوگىيەلىك تەتقىقات يۈرگۈزۈشنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ كېلەچەكتە ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىگىلىشىمىزچە، «تارىخى قىپچاقى» ئەمگىكىنى يېزىش بابۇرىيلار ئىمپېرىيىسىنى روشەن ئەختار باھادۇر باشقۇرغان دەۋردە، يەنى 18-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا باشلىنىپ، ئالتە يىل داۋام قىلغان ئىكەن. غوجامقۇلى بەلخى كىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈپ، ئىككىنچى نۇسخىسىنى يېزىۋاتقان پەيتىدە ئۇنىڭغا «باھادۇر» دېگەن تەخەللۇس بېرىلگەن. تارىخچىنىڭ كېيىنكى ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار يوقىلىپ كەتكەن. 

«تارىخى قىپچاقى» ناملىق بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمگەكتە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىلىق باي مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «چىڭگىزخان، قاراخانىيلار دەۋىرلىرىگە تەپسىلىي توختالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۆزۈم ئۈچۈن بىر يېڭىلىق شۇ ۋاقىتتىكى قىپچاق، ئۆزبېك، قازاق، تاتار قاتارلىق خانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر خانلىقلىرىغا، بەگزادىلىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى كۆردۈم. ھەر قانداق توقۇنۇشلار يۈز بەرسە، ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ئۇلارنى ئىجابىي ھەل قىلغانلىقىنى غوجامقۇلى ئاتىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق، مەمنۇنىيەت بىلەن تەكىتلەيدۇ. مەن شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى ئېنىق بايقايمەن. ئەمدى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇلىدۇ.» 

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، كىتابتا چاغاتاي دەۋرىدە ياشىغان ئاتاقلىق شائىر مەۋلانە سەككاكى ھەققىدە باي مەلۇماتلار بار بولۇپ، بۇ مەلۇماتلار ھەتتا ئەپسانىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېف يەنە ھەم غوجامقۇلى بەلخىنىڭ ھەم شۇ دەۋردىكى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ سەككاكىغا بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمگەكتە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر باخشىلىرىنىڭ، ئەدىبلىرىنىڭ ئىلىم-پەنگە، مەدەنىيەتكە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەزكۇر ئەمگەكنى باشقىمۇ مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ 17-ۋە 18-ئەسىرلەردە قېلىپلاشقان ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي ۋەزىيەت ھەققىدە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ قارىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە نەشر قىلىنغان تارىخىي ئەمگەكلەر دائىم سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قەتئىي كونترول قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار پەقەت ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا نەشر قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت بەزى ماتېرىياللارمۇ تاسقىلىپ، بەزىلىرى نەشر قىلىنغان، بەزىلىرى مەنىي قىلىنغان. زۇلفىيە كەرىموۋا غوجامقۇلى بەلخىنىڭ «تارىخى قىپچاقى» ئەمگىكىنىڭمۇ خۇددى شۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆز ۋاقتىدا نەشر قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان بولۇپمۇ 17-ۋە 18-ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندا غوجىلار ئەۋلادلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى خېلى كۈچەيگەن ئىدى. ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خېلى دەرىجىدە راۋاجلىنىپ، ئەنە شۇ غوجىلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ خانلىق غۇلىغان ئىدى. غوجامقۇلى بەلخىنىڭ مەزكۇر ئەمگىكى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا تارىخچىلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولىدىغانلىقىدا مېنىڭ ھېچ قانداق بىر گۇمانىم يوق. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇيغۇر تارىخىدا تېخى ئېيتىلمىغان، تېخى تەتقىقات ئوبيېكتى بولمىغان تالاي ۋەقەلەر بار. بىز مانا شۇ «تارىخى قىپچاقى» ئەسىرىنى تەپسىلىي ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلارنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئەمگەكتە پايدىلىنىلغان تارىخىي مەنبەلەرمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بىز ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە تەكشۈرۈلمىگەن سەھىپىلىرىنى تەپسىلىي ئۆگىنىپ، دۇنياغا جارى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە ‹تارىخى قىپچاقى› ئەسىرىنىمۇ چەتنە قالدۇرماي، ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارنى كېلەچەكتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمىزدا پايدىلىنىشىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن». 

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، سوۋېت دەۋرىدە «تارىخى قىپچاقى» ئەسىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇلمىغانلىقىنىڭ ھەم ئۇنىڭ نەشر قىلىنمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ بۇ يەردىكى زىيالىيلارنىڭ، ئاددىي خەلقنىڭ ئومۇمىي كۆزقارىشىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىدىن ئېھتىيات قىلىنغان ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ مەزكۇر ئەمگەك بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى يېزىشتا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت