ھۆرلۈككە تۆلەنگەن بەدەل: بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىتنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قاچقۇنلۇق ھېكايىسى (3)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.03.24
turkiye-uyghur-musapir.JPG شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىۋالغان، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن دەرد-ئەلەملەرنى ئاڭلىتىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ بىرى(تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان). 2015-يىلى فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

ئۆتكەن قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا 2013-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋىيېتنامغا قېچىپ چىققان بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىتنىڭ ۋىيېتنامدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن 3 كېچە-كۈندۈزلۈك قېچىش ھېكايىسىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا مەزكۇر شاھىتنىڭ مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن خۇجىمىن شەھىرىگە قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ يەردىن تايلاندقا قېچىش ھېكايىسىنى ئاڭلايسىلەر.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇرۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىت ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قېچىش ھېكايىسىنى مۇنداق داۋام قىلدى:

- شۇنداق قىلىپ، يېرىم كېچىدە خۇجىمىن شەھىرىگە يېتىپ كەلدىم. بۇ شەھەردىن ئېسىمدىن قالغىنى پەقەتلا بىر مالايشىيا رېستورانى ئىدى. ئالدىنقى قېتىم شەھەرنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى بىر مۇسۇلمانچە مالاي رېستورانىدا ھەمشەھەرلىرىمىز بىلەن بىللە تاماق يېگەن ئىدۇق. مەن ھازىر شۇ رېستوراننى تاپالىسام، ئاندىن شۇ ئەتراپتىكى خۇپىيانە مېھمان كۈتۈشلەرگە كېلىدىغان مۇساپىر قېرىنداشلىرىمنى تاپالايتتىم.

- ھېلىقى ئاقكۆڭۈل ۋىيېتناملىق ئەر-ئايال ماڭا ھەدىيە قىلغان 100 مىڭ ۋىيېتنام پۇلى (تەخمىنەن خىتاي پۇلى ھېسابىدا 100 سوم) نى بىر موتسىكلىتلىق بالىغا بېرىپ، ھېلىقى مالاي رېستورانىنى ئىزدىدۇق. شەھەرنىڭ ھەممە جايىدىكى مالاي رېستورانلىرىنى ئارىلاپمۇ ھېلىقى مەن تاماقلانغان رېستوراننى تاپالمىدۇق. ئاخىرى داۋاملىق ئىزدەشتىن ۋاز كېچىپ، شۇ يەردىكى بىر مەسچىتكە كىرىپ پاناھلاندىم.

- بۇ مەسچىت ئىسلام دىنىغا كىرگەن ۋىيېتناملىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتى ئىكەن. يۇيۇنۇپ، تاھارەت ئېلىپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلدىم. خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن جامائەت مەسچىتتىن تارقىدى. لېكىن مەن مەسچىتتە قالدىم. ئۇزۇن بويلۇق مەسچىت خادىمى مېنىڭ كېچىدە مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشىمنى، باشقا جاي تېپىپ قونۇشۇمنى ئېيتتى، ئەمما مەن رەت قىلدىم. سىرتتا ۋىيېتناملىق ساقچىلارنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. سىرتقا چىقساملا ساقچىلارغا تۇتۇلۇشۇم ئېنىق ئىدى.

- كېچىنى مەسچىتتە ئۆتكۈزدۈم. سەھەردە يەنە يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، «قۇرئان كەرىم» دىن سۈرىلەر ئوقۇدۇم. ئاللاھغا سېغىندىم. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلدى. ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدىم. نالە-پەريادىم ئاللاھغا يەتتى بولغاي، بامدات نامىزىدىن كېيىن بىر ئەرەب كىشى مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قەيەردىن كەلگەنلىكىم ۋە قەيەرگە بارىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «تۈركىستاندىن كەلدىم، ھىجرەت ئۈچۈن ئاتلاندىم!» دەپ چۈشەندۈردۈم. ئۇ كىشى بۇ يەردىكى ۋىيېتناملىقلارغا دىنىي ئىسلامنى تەرغىب قىلىۋاتقان ئادەم ئىكەن. ئۇ بۇ مەسچىتنىڭ خادىمىغا مېنى تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەسچىتتە يېتىپ-قوپسام بولىدىغانلىقىنى، سىرتقا قوغلىماسلىقنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى.

- ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى ئەرەب كىشى ماڭا بىر سومكا كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ يەنە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بىر ئۆزبېك قېرىندىشىمىزنى باشلاپ كەپتۇ. شۇنچە يالغۇزلۇقتىن كېيىن ئاخىرى مېنىڭ بىلەن تىل تېپىشالايدىغان بىر ئۆزبېك قېرىندىشىمىزغا يولۇقتۇم. ئۇ مېنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. مەن ئۆزبېك قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدىم. بۇ قېرىندىشىمىز ئۆزبېكىستاندا ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇشىدىن قېچىپ بۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مېنى تۈركىيەگە يولغا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ھەتتا خىتاينىڭ ساختا پاسپورتىنى ياسىتىپ، تەۋەككۈل قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى، ئەمما بۇ تەۋەككۈلچىلىككە مېنىڭ كۆڭلۈم تارتماي داۋاملىق پۇرسەت كۈتتۈم.

- شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى ئەرەب كىشى مەن پاناھلانغان مەسچىتكە بىرقانچە مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مەن ئۆزبېك قېرىندىشىم بىلەن موتسىكلىتقا مىنىپ مەسچىتكە باردۇق. ھالبۇكى، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن بۇ قېرىنداشلىرىم مېنىڭدىن گۇمانلاندىمۇ-قانداق ئۆزلىرىنى قاچۇردى. مەن ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسئۇل كىشىگە ئۆزۈمنى چۈشەندۈرۈپ، ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسە تاڭنا قىيامەتتە ئاللاھ ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلار بىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان «يۇقىرىدىكى كىشىلەر» بىلەن ئالاقە قىلدى بولغاي، ئاخىرى مېنى ئۆز سېپىگە قوشۇۋالدى.

- شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم ۋىيېتنامدىن كامبودژاغا مەخپىي يوللار بىلەن ئۆتتۇق. ئۇ يەردىن تايلاندقا سەپەر قىلىش ئۈچۈن «ئادەم قاچاقچىلىرى» يەنە مىڭ دوللاردىن پۇل تۆلەشكە توغرا كەلدى. مېنىڭ پۇلۇم بولمىغاچقا ئۇلار «يۇقىرىدىكىلەر» بىلەن ئالاقىلىشىپ مېنى پۇلسىز ئېلىپ ماڭدى. بىز نۇرغۇن يوللار ۋە مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ ئاخىرى تايلاند تەۋەسىگە يېتىپ باردۇق. ئۇلار بىزنى باڭكوكتىكى بىر خىلۋەت مېھمان كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. ھەممىمىزنىڭ پۇل-پۇچەكلىرى پاك-پاكىز تۈگەپ، يېنىمىزدا ھېچنېمىمىز قالمىدى. قانداق قىلىپ بۇ يات ئەلدە كۈن ئۆتكۈزۈش ۋە ھىجرەت سەپىرىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە بېشىمىز قاتتى. مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە ئاللاھ بىزگە ئاسانلىق بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتۇق. ھېچ ئۇنىتالمايمەن! شۇ كۈنلەردە چەتئەلدىكى بىر قېرىندىشىمىز بىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، بىزگە ئۆز يېنىدىكى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇلىنى ياردەم قىلدى. بۇ پۇل بىزنىڭ بۇ يەردىن تۈركىيەگە كېتىشىمىزگە ھەمدە ھېچكىمنى تونۇمايدىغان بۇ يات ئەلدە ۋاقىتلىق جان ساقلىشىمىزغا كۆپ ئەسقاتتى. بىز ئۇ قېرىندىشىمىزغا ئاللادىن رەھمەتلەر تىلىدۇق.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.