خىتاينىڭ مىللەتلەر ئارا نىكاھ تەشۋىقاتلىرىغا غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر قانداق قارايدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان توي مۇراسىمىدىكى راھەتسىز ۋە نارازىلىق چىرايى.
خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان توي مۇراسىمىدىكى راھەتسىز ۋە نارازىلىق چىرايى.
Social Media

خىتاي دائىرىلىرى بىر قانچە يىل ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىش نىسبىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە دىنلار» تورىدا «جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر ماقالىدا ئۇيغۇر بىلەن خىتايلارنىڭ نىكاھلىنىش نىسبىتىنىڭ خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ ئاز بولۇپ 1 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، خىتايلار بىلەن توي قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاۋاتقان بىر پەيتتە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەتتىن تويلاشقان ئائىلىلەرنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى چەتئەل مەتبۇئاتىنىڭ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان، 2-3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ساقچى ۋە ھەربىي ئوفىتسېرلىرى بىلەن تويلىشىشقا، توي مۇراسىملىرىنىڭ  پۈتۈنلەي خىتايچە شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى سۈرەتلىك تەشۋىقاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەينى-كەينىدىن تارقىتىلماقتا.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر چېن چۋەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش، ھەتتا ئۇلارنى تۇغقانلاشتۇرۇپ ۋە نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلاپ، مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بولسا بۇ خىلدىكى تويلاشقانلارنىڭ ھېكايىلىرىگە رومانتىك تۈس بېرىلىپ، ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ مۇھەببەتلەشكەن، دىن ۋە مىللەت ھالقىغان ھەقىقىي مۇھەببەت ھېكايىسى دەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئائىلىلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرى قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

بۇ ھادىسە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆزەتكۈچىلەردە قانداق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرى نېمە؟

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررېن بايلېر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل-4ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئۇ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن «خىتاي-ئۇيغۇر تويلىشىشى شۇنچىلىك ئومۇمىي بىر ئىشقا ئايلانغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ساپلا ئۇيغۇر قىزلار بىلەن خىتاي يىگىتلەرنىڭ تويلاشقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خىتاي قىزىغا ئۆيلەنگەنلىكى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىنمايدۇ،» دېگەن سوئال پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل مەجبۇرىي نىكاھلىنىش ناھايىتى غەلىتە، چۈشىنىكسىز، بۇ تىپىك مونوپول قىلغۇچىلارنىڭ ئېلىپ بارىدىغان تەدبىرلىرى ئىكەن. بولۇپمۇ بۇ خىل توي سۈرەتلەردىكى خىتايغا نىكاھلانغان قىزلارنىڭ چىراي ئىپادىلىردىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك روھىي ھالىتى، بەختسىزلىكى، ئامالسىزلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۇ يەنە «بۇنىڭ ئىككىلا مىللەتكە نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ ياكى چوڭقۇر ئازاب ۋە ياكى ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىنىمۇ مونوپول قىلىشتەك بۇ خىل قىلمىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەن تەس» دېدى.

ئۇيغۇر لارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېلىۋاتقان ئامېرىكا لايولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام گەرچە ئۆزىنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا نىكاھلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھادىسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا پەيدا بولۇپ خىتاي تەرىپىدىن كۈچلۈك رەۋىشتە تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ خىل تەشۋىقاتتىكى ئورتاقلىقنىڭ خىتاي ئەر بىلەن ئۇيغۇر قىز نىكاھلانغان مىسالنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە بۇ خىل سۈنئىي تەشۋىقاتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدۇ، دېدى.

كانادادىكى بىرىتانىيە كولۇمبىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئوقۇغۇچىسى شاۋن جاڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاش جەھەتتە سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىپ، نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ ئۆزىمۇ ئىلگىرى خىتايدا ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا تويلاشقانلار بار بولسىمۇ، سانى ئىنتايىن ئاز ئىكەن. چۈنكى خىتايدىكى ئېغىر مىللىي كەمسىتىش، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مىللىي كەمسىتىشى تەپەيلىدىن بۇنداق نىكاھنى ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىشى تەس ئىكەن. بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي ۋە ئىرقىي پەرقلەر، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى پۈتۈنلەي ئوخشىماسلىقلار ۋە باشقا تۈپكىي مىللىي زىددىيەتلەرنى خىتاينىڭ سۈنئىي ياساپ چىققان ئىككى مىللەتنىڭ نىكاھلىنىش ھېكايىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. ئەكسىچە بۇ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار بىلەن نىكاھلىشىشقا قارشى چىققانلىق «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى «ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى» ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ھەم «ئىككى يۈزلىمىچى» لىكىنىڭمۇ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت