تۇرغان توختەموف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىجادىي مۇسابىقە يەكۈنى چىقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.07.10
yazghuchi-turghan-toxtemof.jpeg ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف(سولدىن ئىككىنچى) نەشرىيات خادىملىرى بىلەن. 1992-يىلى، ئالماتا.
RFA/Oyghan

7-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى «دئىادېما» كافېخانىسىدا ئاتاقلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىجادىي مۇسابىقە غالىبلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مەزكۇر مۇسابىقە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىلى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا گېزىت تەھرىر بۆلۈمى يېڭى نەسرىي ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقان قەلەم ساھىبلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە يىلنىڭ ئەڭ ياخشى ھېكايىسىنى ۋە پۇبلىستىكىلىق ماقالىسىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە مۇسابىقە ئېلان قىلغان ئىدى. مۇسابىقە يەكۈنى مەخسۇس كومىسسىيە تەرىپىدىن 20-ئىيۇندا، يەنى مەتبۇئات كۈنى ھارپىسىدا چىقىرىلدى. مۇراسىمغا گېزىت خادىملىرى، زىيالىيلار، يازغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى، شاگىرتلىرى ۋە مۇخلىسلىرى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئەدەبىيات ۋە مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شەمشىدىن ئايۇپوف مۇسابىقە شەرتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ نۆۋەتتىكى مۇسابىقىگە ئون ئىككى ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى، شۇلاردىن ئالتە ئادەمنىڭ تاللىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف مۇسابىقە تەشەببۇسكارى بولغان گېزىتنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ياش ژۇرنالىستلارنى ۋە يازغۇچىلارنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بىرىنچىلەردىن بولۇپ بۇنى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ، يەنى رىسالەت خانىم ھەم ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاندىن شەمشىدىن ئايۇپوف مۇسابىقە يەكۈنىنى ئېلان قىلدى. قازىلارنىڭ قارارى بويىچە ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف، ئازنات تالىپوف، ئىززەت يۈسۈپوۋا، ئابلىمىت مەردانوف پەخرىي يارلىق بىلەن تەقدىرلەنسە، ئىككى باش مۇكاپات، يەنى گۇۋاھنامە ھەم 50 مىڭ تەڭگىدىن ئاۋۇت مەسىموف ۋە غەيرەت ئىسرايىلوفقا تاپشۇرۇلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تالغىر ناھىيىسىنىڭ تۇرغۇنى، ئۇستاز غەيرەت ئىسرايىلوف مۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مۇشۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرىغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. تۇرغان ئاكىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. رىسالەت ھەدە باشلىق ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇنى ياخشى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى. ھەر قېتىمدا مۇكاپات تاپشۇرغان چاغدا رەھمەتلىك ئاكىمىزنىڭ روھلىرى خۇش بولغان بولۇش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. تىلەيدىغىنىم، تۇرغان ئاكىنىڭ ياشلاردىن ئىزباسارلىرى نۇرغۇن چىقسۇن، ئىسمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالسۇن».

مۇراسىمدا سۆزلىگەن تۇرغان توختەموفنىڭ دوستى، تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى تۇرغانجان سوپىيېف، «يىپەك» شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋاققاس مەمەدىنوف، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيەسىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر تېلمان نۇراخۇنوف ۋە باشقىلار مۇسابىقە غالىبلىرىنى تەبرىكلەپ، قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئانا تىل، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى، تۇرغان توختەموفنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇزۇن يىللار داۋامىدا گېزىت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسى چونجا يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئابلىمىت مەردانوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ھاياتتا مۇنچىلىك مۇكاپاتلارغا كۆرگەنلا ئادەملەر سازاۋەر بولۇپ كەتمەيدىكەن. مۇنچە ئىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىجادىي ئۇتۇقلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. بۇنىڭدىنمۇ جىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەن تىلەكداش. پۈتۈن بىر خەلقنىڭ مۇڭ-زارىنى يېشىۋاتقان مەسىلىلىرىمىز كۆپ. ئەلۋەتتە، ئىجادىي سەپەر ھېچ قاچان سوۋۇمايدۇ، ئۆچمەيدۇ. مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى دەپ چۈشىنىمەن».

يازغۇچى تۇرغان توختەموف «دادامنىڭ ئاخىرقى خېتى» پوۋېستلار توپلىمى، «ئۆسەك ۋادىسىدا»، «دادامنىڭ جۇۋىسى» ھېكايىلەر توپلىمى، «ئاق يېغىن»، «ۋىجدان ئازابى»، «نۇزۇگۇم»، «سەرگەردان» رومانلىرى ۋە كۆپلىگەن باشقىمۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ «كونا تۈگمەن» پوۋېستلار توپلىمى قازاق تىلىدا، «قاقىرلار قايتقاندا» پوۋېستى ۋە «دادامنىڭ جۇۋىسى» ھېكايىلەر توپلىمى رۇس تىلىدا نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ «ئاق يېغىن» رومانى، «بازغان ساداسى» ۋە «دادامنىڭ سۆزى» پوۋېست ۋە ھېكايىلەر توپلىمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا يورۇق كۆردى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇنداقلا قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «رومان-گازېتا»، «موسكوۋسكىي كومسومولېتس»، «دېتسكايا لىتېراتۇرا» «ژۇلدىز»، «پروستور»، «ياش گۋاردىيە»، «بالىلار ئەدېبىياتى»، «دنېپرو» ناملىق گېزىت ۋە ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نەشرىياتچى ئازنات تالىپوفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋارىسلىرى مەسىلىسى كۆپچىلىكنى قاتتىق ئويلاندۇرماقتا. ئا. تالىپوف بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىچە چۈشەندۈردى: «چوڭ ئەۋلاد ۋەكىللىرى ئارىمىزدىن كەتكەنسېرى، مەنىۋى ھاياتىمىزدا، ئەدەبىياتتىمۇ قانداقتۇر بىر بوشلۇق پەيدا بولۇپ قالامدىكىن دېگەن تەشۋىش يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتى، بىرىنچى نۆۋەتتە، ياشلىرىمىزغا بولغان غەمخورلۇقنى، ئارىسىدىكى قەلەم تەۋرىتىۋاتقان تالانتلىق ئىجادكارلىرىمىزغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مانا بۈگۈن مەندە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقىلەر كۆپ بولسا، دېگەن ئوي پەيدا بولدى. مۇنداق مۇسابىقىلەر ئىجادكارلارغا ئىلھام بېغىشلايدۇ ھەم شۇ ئاكىلىرىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى چىقىدىغىنىغا ئۈمىد ئۇچقىنىنى پەيدا قىلىدۇ».

ئازنات تالىپوف مۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ كۆپىيىپ، ياش ئىجادكارلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقىدىغىنىغا ھەم ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقنىڭ كۈچىيىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرى ھەم مېھمانلىرى ئۆز سۆزلىرىدە بولۇپمۇ يېڭىدىن قەلەم تەۋرىتىپ چىقىۋاتقان ياش ئىجادكارلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە «ۋارىس» ئەدەبىي ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلغىنىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.