ئالمۇتادا تونۇلغان جەمئىيەت ئەربابى تۇرغان روزاخۇنوف خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جەمئىيەت ئەربابى تۇرغان روزاخۇنوفقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا «مەشئەل» كىتابىنى تونۇشتۇرۇش لېنتىسى كېسىلىۋاتقان پەيت. 2018-يىلى 11-مارت، ئالمۇتا.
جەمئىيەت ئەربابى تۇرغان روزاخۇنوفقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا «مەشئەل» كىتابىنى تونۇشتۇرۇش لېنتىسى كېسىلىۋاتقان پەيت. 2018-يىلى 11-مارت، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

11-مارتتا ئالمۇتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرىدا تونۇلغان جەمئىيەت ئەربابى تۇرغان روزاخۇنوفقا بېغىشلانغان «مەشئەل» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ھەم خاتىرىلەش كېچىسى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىم «ئىنايەت» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن زىيالىيلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋەكىللىرى، ياشلار ۋە باشقىلار قاتناشتى.

مۇراسىم بېشىدا تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ ئۆمۈر بايانىغا بېغىشلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى. ئاندىن سۆزگە چىققان ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف دوكلات قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ۋە جەمئىيەتلىك ئىشلاردا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئاڭ-سېزىمىنى ئويغىتىشقا قوشقان تۆھپىسى، كەسپىي ۋە ئىنسانىي خىسلەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

مۇراسىم داۋامىدا سۆزگە چىققان «ئالمۇتا كۆۋرۈك ئىنشائاتلىرى زاۋۇتى» نىڭ مۇدىرى ئەخمەتجان شەردىنوف مەزكۇر مۇراسىمغا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بارلىق ناھىيەلىرىدىن مېھمانلارنىڭ كېلىپ، تىياتىر زالىنىڭ لىق تولغانلىقىنى، بۇنىڭ تۇرغان روزاخۇنوفقا بولغان چوڭ ھۆرمەت-ئېھتىرامنىڭ يارقىن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مەرھۇمغا بېغىشلانغان «مەشئەل» كىتابىدا 70 تىن ئوشۇق ئادەمنىڭ ئەسلىمىلىرى بېرىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى قانىش سۇلتانوف، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى يولداش ئەزەمەتوف، ئالىم رابىك ئىسمايىلوفقا ئوخشاش كۆپلىگەن ئاتاقلىق شەخسلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شائىر جەمشىت روزاخۇنوف بولسا، مۇشۇ مۇراسىمغا ئۆزى ياشاۋاتقان ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىن بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر بىلەن مەخسۇس كەلگەنلىكىنى، چۈنكى مەرھۇمنىڭ بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ياخشى تونۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە چىققان باشقىمۇ زىيالىيلار، ئىگىلىكلەر، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، مەرھۇمنىڭ كەسىپداشلىرى، يۇرتداشلىرى، شاگىرتلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە باشقىلار تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىدا مەركەزنىڭ چوڭ ئۇتۇقلار قازانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە مەرھۇمنىڭ «ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغاندا كۆپلىگەن ئىلمىي لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، مەجرۇھ بالىلارغا، تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېغىشلانغان خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى تەلەت ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، تۇرغان روزاخۇنوف پانفىلوف ناھىيەسى ياشلار كومىتېتىنىڭ يۇقىرى لاۋازىملىرىدا ئىشلەۋاتقان پەيتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ تەشكىلاتچانلىق قابىلىيىتى، ئاڭلىق، بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك كادىرلىق سۈپىتى بىلەن رايون رەھبەرلىكىنىڭ، كېيىنرەك ھەتتا ھازىرقى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىكەن.

ئۇ تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ دائىم يېڭى تەشەببۇسلار بىلەن كەسىپداشلىرىنى خۇشال قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىياتىرى ئالدىدا قويۇلغان خەلقىمىزنىڭ يورۇق يۇلتۇزى، پەخرىمىز قۇددۇس ئاكا غوجامياروفنىڭ ھەيكىلى. ئۇنىڭ يەنە خەلقىمىزنىڭ بېشىنى قوشۇپ، بىللە تىرىكچىلىك قىلىش ئويى بار ئىدى. كۈندە يېڭىلىق ئىزدەيتتى. ئۇ تالانتلىق ياش بالىلارنى، ئىجادكارلارنى، ئالىملارنى، ئەربابلارنى خەلققە تونۇشتۇرۇشقا ئوخشاش چوڭ خىزمەتلەرنى قىلدى. تۇرغان بار چاغدا قازاقىستاندا بىرىنچى قېتىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مۇكاپاتقا كۆرسىتىش تىزىمى تۈزۈلدى».

تەلەت ھەمرايېف تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ «ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاخىرقى تۆت يىل ئىچىدە ئۇنىڭغا ھەر خىل مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەجرۇھ بالىلارنىڭ تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆپلىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ شەخسەن تۇرغان روزاخۇنوفقا بولغان ئالاھىدە بىر ھۆرمىتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مۇھەممەدىنوف تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە ئارىلىشىپ، كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ھاياتتا ئۆز ئورنىنى تېپىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ بولۇپمۇ بىلىم ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرىنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تۇرغان روزۇخۇنوف مەدەنىيىتىمىزدىكى يىرىك نامايەندە، ئۇلۇغ سىما. ئۇ جاي-جايلاردىكى مىللىي مەكتەپلىرىمىزگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، مەنىۋى قوللاش، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. تۇرغان ئاكا بۇنىڭدىن سەل كەم ئىككى يىل بۇرۇن بۇ ھاياتتىن مەڭگۈگە كەتتى، بىراق ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتى نەق ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن باشلاندى».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ شاگىرتى، «ئىنايەت» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغۇچى سۈلفى مەشرەپوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ياشلارنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشلەشكە، يېڭىلىقلار يارىتىشقا ئۈندىمەكچى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر يىلنىڭ ئىچىدە بىز ‹پور-باژىن› ئېكىسپېدىتسىيەسىنىڭ فىلىمىنى تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆتكۈزدۇق. كۆپلىگەن لايىھىلەرنى قولىمىزغا ئالدۇق. مۇشۇ يىلدىن باشلاپ مائارىپ، تەن-ھەرىكەت، ئىلىم-پەن ساھەسى بويىچە كۆپلىگەن ئىشلارنى باشلاۋاتىمىز. ياشلارنى بىرلەشمىگە تەكلىپ قىلىۋاتىمىز. چەتئەللەردە ھەقسىز ئوقۇش بويىچە كۆپلىگەن ئىشلارنى يۈرگۈزۈۋاتىمىز. تۇرغان ئاكىنىڭ ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇۋاتىمىز».

سۈلفى مەشرەپوفنىڭ ئېيتىشىچە، «ئىنايەت» جەمئىيىتى باشقىمۇ تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشنىمۇ پىلانلىماقتىكەن.

مۇراسىم ئاخىرىدا تۇرغان روزاخۇنوفنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سۆزگە چىقىپ، مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا، «مەشئەل» كىتابىنى تۈزگۈچىلەرگە ھەم ئۇنى يورۇققا چىقارغان «مىر» نەشرىياتىغا، پۈتكۈل مېھمانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. مۇراسىم داۋامىدا نۇرالىم ۋارىسوف، رۇستەم نىيازوف، ئالىم زۇلپىقاروف ئوخشاش داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كونسېرتلىق پروگرامما كۆرسىتىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت