تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: بۇ يىلقى روزا ھېيتىمىز كۆڭلىمىز سۇنۇق ئۆتمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.06.26
roza-heyt-turkiye.jpg روزا ھېيت نامىزىغا كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى نامازدىن كېيىنكى كوللېكتىپ ناشتىغا ھازىرلاندى. 2017-يىلى 26-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۈگۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى. ھېيتلار، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان، قېرىنداشلاردەك بىر-بىرىنى باغرىغا بېسىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر.

بىز زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا، بەكرەك مۇڭ، قايغۇ ۋە غەم باسىدىغان، سېغىنىش، ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىدىغان، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان كۈنلەر ئىكەن.

بۈگۈن روزا ھېيتنىڭ 2-كۈنى، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردىكى بەزى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە ھېيت نامىزىدىن كېيىن، تۈركىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا تىلاۋەت قىلغاندىن كېيىن، چوڭلاردىن باشلاپ ئۆيمۇ-ئۆي ئايلىنىپ ھېيت پەتىسى ئوقۇماقتا.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئەنقەرە شەھىرىدە، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئۇزارا ھېيتلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون بىلەنمۇ بولسا ھېيتلىشالمىغانلىقىنى، كۆڭۈللىرىنىڭ سۇنۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل شەھىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ،بۇ ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنى، ئاقساراي، سەفاكۆي رايونلىرىدا تۇرىدۇ. مەزكۇر ئۇيغۇرلار 1949-1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردۇر. بۇ ئۇيغۇرلار ھەر ھېيتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى شەھىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە 1964-يىلى كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015 يىللىرى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەھەللىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يىلقى روزا ھېيتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 53 يىلدىن بېرى ۋەتىنىدىكى ھېيت ئادىتىنى ئۆزگەرتمەستىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ يىلقى روزا ھېيتنى يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە داستىخان تەييارلاپ، ئۆز-ئارا پەتىلىشىپ ياخشى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېڭى كەلگەن مۇساپىرلاردىن ئىمىن قارى بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋەتەندە بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئويلاپ كۆڭۈللىرىنىڭ قاتتىق يېرىم بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە 200 ئائىلە ئۇيغۇر جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار 1960-يىلى غۇلجا، قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا چىقىپ، ئافغانىستاندا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن 1964-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەيسەرىگە ئېلىپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 2013-2014 يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 1600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بۇ يەرگە جايلاشتۇرۇلدى. ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا دۆلەت ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.