ئاماسيا ئۇيغۇرلىرى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 700-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاب نەشر قىلدۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.04.18
turkiye-amasya-wilayiti-uyghur-1.jpg «ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىشنىڭ 700-يىللىقى ماقالىلەر توپلىمى» ناملىق كىتاب.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئاماسيا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشىنىڭ 700-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىشنىڭ 700-يىللىقى ماقالىلەر توپلىمى» ناملىق كىتاب نەشر قىلدۇردى. 4-ئاينىڭ 2-كۈنى نەشردىن چىققان كىتاب 128 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ تاشۋارىقىغا 744-يىلى ئۆتۈكەندە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بايرىقى، بۇ بايراقنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ بايرىقى بىلەن كۆكبايراقنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. كىتاب كىرىش سۆز، پېنسىيىگە چىققان پروفېسسور دوكتور كەمال گۆدە ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ 13-14-ئەسىرلەردىكى كۆچۈشلىرى ۋە تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئالائەتتىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن «تۈرك ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە نەزەر»، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»، ئاماسيالىق ئۇيغۇر زىيالىي ئالىي فۇئات ئەر ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ماۋزۇلۇق ماقالىلىرىگە ھەم باشقىلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

بىز «ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كۆچۈشنىڭ 700-يىللىقى ماقالىلەر توپلىمى» ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىسىنى كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى رەئىسى ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، مەزكۇر كىتاب نەشردىن چىققاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«كىتابنى نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن جەمئىيىتىمىزنىڭ تور بېتىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قويدۇق. تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ تەلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلدىكى جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتى بار. ئۇ يەردە تارقاتماقچىمىز، ئۇ، يەردىنمۇ كۆپ تەلەپ بار. ئانتاليادىكى ئۇيغۇرلار تەلەپ قىلغان ئىدى، ئۇلارغىمۇ ئەۋەتتىم.»

ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى بۇندىن كېيىن يەنە يېڭى ئىش پىلانى تەييارلاشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«بۇندىن كېيىن يېڭى بىر خىزمەت پىلانى تەييارلىساق، بۇرۇنقى ئىش پىلانىنىڭ داۋامى بولسىمۇ بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى بىر ئىش پىلانى تەييارلاپ دۆلىتىمىزگە سۇنۇشنى ئويلاۋاتىمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، قەدىمدە تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان باشقا ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تېپىپ چىقىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئاماسيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى «ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۇيغۇر ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىشىمىزنىڭ 700-يىللىقى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم مەزكۇر يىغىندا سۇنۇلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلام قىلىپ نەشر قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.