«شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» دە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.05.30
Abdulhakimhan-Mexsum-bilen-Erkin-aliptekin-hatire-resim.jpg مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ مەركىزى يېڭىدىن ياساش ۋە رېمونت ئىشلىرى تاماملىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەت. 2016-يىلى 29-ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ مەركىزى يېڭىدىن ياساش ۋە رېمونت ئىشلىرى تاماملىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇل فاتىھ رايونىغا جايلاشقان دامات ئىبراھىم پاشا جامەسى دېگەن نامدىكى تارىخى ئورۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ تارىخى ئورۇننىڭ ئالتە يىلدىن بۇيان رېمونت قىلىش ۋە يېڭىدىن ياساش ئىشلىرى داۋام قىلغان بولۇپ، يېقىندا رېمونت ئىشلىرى ئەسلىگە كېلىپ پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

29-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ۋە ئەزالىرى قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە، پروفېسسور دوكتور نەۋزات يالچىنتاش، ت ر ت ئىستانبۇل مۇدىرى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى مۇئەللا يۈجەلخانىم، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم مۇھىم كىشىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئەسەر تۈركىستانلى ساكا، باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا، سۆز قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مەركىزىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە يېڭىدىن خىزمەتكە كىرىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارغا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

يىغىندا ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دادام ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە بۈيۈكلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنى قۇرۇشىنىڭ سەۋەبى پەقەت ۋەتەندىن كەلگەنلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيەدىكى ۋە پۈتۈن چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، بۇ ۋەخىپكە ئىگە چىقايلى، نۇرغۇن پىداكارلىقلار بىلەن قۇرۇلغان بۇ ۋەخپىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەيلى، بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىزنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەيلى، ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن.»

يىغىندا سۆز قىلغان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە دوكلات بەردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ۋەخىپنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئۆمەر قۇل يەنە، ئالدىمىزدىكى رامىزان ئېيىدا ھەر كۈنى كەچتە ۋەخپنىڭ مەركىزىدە 30 كۈن بويىچە ئىپتار پروگراممىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاخىرىدا تۈركىستان پولۇسى بىلەن زىياپەت بېرىلدى ۋە دۇئا قىلىش بىلەن مۇراسىم ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى»نىڭ رەئىسى ئەسەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەسەر خانىم شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ياسىلىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ يېڭىدىن ياسىلىش ئىشلىرى 2010-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىستانبۇلنى مەدەنىيەت پايتەختى دەپ ئېلان قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىزنىڭ ۋەخپىنىمۇ يېڭىدىن ياساش قارار ئېلىنغان ئىدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، بىر قىسىم سەۋەبلەر تۈپەيلى ياسىلىش جەريانى ئۇزاپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ 6 يىلدىن بۇيان ۋەخپىمىز تاقىلىپ قالغان ئىدى. بۈگۈن بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق، چۈنكى 6 يىل جەريانىدا سىرتلاردا بىر تۈركۈم پائالىيەتلەر قىلغان بولساقمۇ خىزمەت ئورنىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ يىغىن مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش ئىمكانى يوق دېيەرلىك ئىدى. توي-تۆكۈن، نەزىر چىراغ، خۇشاللىق ۋە قايغۇلۇق كۈنلەردە بىر يەرگە جەم بولالماي كەلدۇق، بۇ بىر بىز ئۈچۈن كەمچىللىك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بەك خۇشال بولدۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىن كېيىن باشقا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەممىمىز ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز، ئىشكىمىز ھەممە كىشىگە ئوچۇق، زىيارەتچىلەرنى قارشى ئالىمىز. باشتا دېگەنگە ئوخشاش يىغىن-مۇراسىم، توي-توكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراق، ھەتتا بالىلار پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك يىغىنلارنى مۇشۇ يەردە ئۇيۇشتۇرىمىز.

بىز يەنە ئېچلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنى خىزمەت-پائالىيەتلەردە يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىق قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.