ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى خامىت كۆكتۈرۈك قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەكەندىن ئايرىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-08-24
Share
hamut-gokturk-305.jpg ھامۇت گۆكتۈرك
RFA/Erkin Tarim

مەلۇم بولۇشىچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنىڭ ئانا يۇرتى يەكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بالىلىق دەۋرىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن دەسلەپكى يىللاردا يەكەندە يۈرگۈزگەن. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى يىللاردا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە 1961-يىلى ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئۆزلىرىنى ئافغانىستان پۇقراسى دەپ مەلۇم قىلغان 70 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى دەسلەپ ئافغانىستانغا كېلىپ كېيىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە يەرلەشكەن.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان يەكەندىن كېلىپ قەيسەرىگە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خامىت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1965-يىلى يەكەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 70 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئەينى يىللىرى تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنى تۈركىيەگە ئورناشتۇرۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئازلاپ كەتكەن تۈرك نوپۇسىنى كۆپەيتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن. خامىت ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 1953- يىلى تۈركىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە 1967 -يىلى غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن 74 كىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى بايانىدا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى يىللىرى يەكەندىكى كەچمىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇنىڭ بالىلىقى يەكەندە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش يەكەندە نىسبەتەن ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار پومېشچىك باي سودىگەر دېگەن قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، نۇقتىلىق كۈرەش نىشانىغا ئايلانغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي كۈرەشلىرىدە يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەكەندىكى ھاللىق ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بۇ خىل زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەۋاتقان مەزگىلىدە، 1960-يىللارنىڭ بېشىدا خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ، خىتاي قوشنىسى ئافغانىستان پادىشاھلىقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئافغانىستان پادىشاھلىقى ئىلگىرى ئافغانىستاندىن يەكەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئافغانىستان پۇقرالىرىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئافغانىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك كېلىشىمگە ئاساسەن ئۆزلىرىنى ئافغان پۇقراسى دەپ مەلۇم قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. 1949-يىلدىن كېيىنكى يەر ئىسلاھاتى، كوممۇنا قۇرۇش، پولات تاۋلاش، ئىستىل تۈزىتىش قاتارلىق ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەردە يەتكۈچە ئەلەم تارتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئافغانىستان پۇقراسى دەپ مەلۇم قىلغان. يەكەندىكى 70 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر يەنى 103 كىشى 1961-يىلنىڭ بېشىدا بىر ھەپتە ئىچىدە خىتايدىن ئايرىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. خىتاينىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئافغانىستان چېگراسىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئافغانىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1961-يىلى يەكەندىن ئايرىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيەلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، 234 كىشى 1965-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت