تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركمەن-يۆرۈك مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.08.07
Turkmen-Yoruk-Festiwalida-Uyghurlar-2018-01.JPG تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركمەن-يۆرۈك مەدەنىيەت فېستىۋالى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-ئاۋغۇست. مۇغلا، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تۈركمەن-يۆرۈك مەدەنىيەت فېستىۋالى» دا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى. بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەرنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

8-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ مۇغلا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. فېستىۋال جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى نامايان قىلدى. فېستىۋالغا ئىستانبۇل بىلەن ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. تۈركىيەدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلى شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم يازغان «بىز كىم؟»، «يىراقتا بىر ۋەتەن بار-شەرقىي تۈركىستان» ناملىق شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۇلار بۇلاردىن سىرت يەنە «ئۇيغۇر ئۆيى» نامىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى ھەم كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بۇيۇملىرىنى ساتتى. 

2  كۈن داۋاملاشقان پائالىيەتكە قاتناشقان يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سالاھىدىن قەشقەرلى، ئەرشىدىن ئىدىقۇت، پەخىردىن ئۆزخان قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 20-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تۈركمەن-يۆرۈك مەدەنىيەت فېستىۋالى» توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. 

سالاھىدىن قەشقەرلى بۇ قېتىمقى فېستىۋالدا تۈركلەردىن سىرت تۈركىي مىللەتلەرمۇ چېدىر ئېچىپ ئۆز «كۈلتۈرلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى»، پائالىيەتكە تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەخىردىن ئۆزخان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە 6-7 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. 

پەخىردىن ئۆزخان فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇر بۆلمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەرشىدىن ئىدىقۇتمۇ پائالىيەت جەريانىدا تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

بۇ فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە «تۈركمەن-يۆرۈك جەمئىيىتى» رەئىسى جامال ئاققۇش ئەپەندى بۇ فېستىۋالدا بۇرۇن ناخشىچى چاقىرىپ كونسېرت يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇ يىلدىن تارتىپ تۈرك دۇنياسى فېستىۋالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ: «پۈتۈنلەي مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇرۇنقى تۈركمەن-يۆرۈك فېستىۋاللىرىدا ناخشىچى چاقىرىپ كونسېرت بەرگۈزەتتۇق. بۇ يىلدىن تارتىپ پائالىيىتىمىزنى كېڭەيتتۇق. بۇندىن كېيىن چەتئەلدىن تېخىمۇ كۆپ تۈركىي مىللەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ياردەملىشىشنى كۈچەيتىشنى ئويلاۋاتىمىز» دېدى. 

بۇ يىل «تۈركمەن-يۆرۈك كۈلتۈر فېستىۋالى» نىڭ 20-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.