ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.11.05
uyghur-akadimiyesi-muhakime-yighini.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىستانبۇلدا ئاچماقچى بولغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېلانى.
RFA/Erkin Tarim

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئىبىن خەلدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 11-ۋە 12-نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەمەت ۋەخپى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېمىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇشى ئىكەن. 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىب، پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشىنىڭ 9-قېتىملىقىنى مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا بېغىشلىغانلىقىنى، يىغىنغا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلاردىن 20 كىشىنىڭ ئىلمىي دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەزكۇر ئىلمىي يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ناخشا-ئۇسۇل، كىيىم-كېچەك ۋە خەتتاتلىق قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم ۋە تونۇلغان تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۇڭگۇر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرگەزمە ئېچىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئىستانبۇلدا چاقىرىلماقچى بولغان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تۈركىيەدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا چاقىرىلغان تۇنجى يىغىن ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللىرى ۋە مېخانىزمى ھەققىدە تەييارلانغان ماقالىلەرنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئەپەندى بۇ خىل تەتقىقات ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى باتۇر قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى مەزكۇر يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىشىنى ئىلتىماس قىلدى. 

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان. ئۆتكەن 8 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە 24 قېتىم، ئامېرىكىدا 1 قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. ئىستانبۇلدا 13 قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.