پۈتۈن ھاياتىنى ئۆز خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان ئالىم (1)
2014.12.04
20-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئالدىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، بۇ ساھەدە كۆپلىگەن ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئىدى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-50-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىر قىسىم كەسپىي تىلشۇناس ئالىملار يېتىشىپ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بويىچە كۆپلەپ، كەسپىي ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ئەنە شۇ تۇنجى ئۇيغۇر كەسپىي تىلشۇناس ئالىملىرىنىڭ بىرى غوجاخەمەت سادۋاقاسوفتۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتىنىڭ 42 يىلىنى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، ئوقۇتۇش، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوغداش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تىلشۇناس ئاكادېمىكى ئىدى. يېقىندا ئالماتادا بۇ ئالىمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 85 يىللىقى خاتىرىلەندى.
قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور غوجاخمەت سادۋاقاسوف پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تىلشۇناسلىق ساھەسىدە تۇنجى قېتىم ئاكادېمىكلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئالىم ئىدى. مەرھۇم غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ نامى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقات تارىخىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ نامى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ تونۇشلۇقتۇر.
ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ، يۈزلىگەن ماقالىلەر ۋە نەچچىلىگەن ئىلمىي كىتابلار ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.
غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ھەم ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەرھۇمنىڭ خانىمى، 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوماق خانىم زىيارىتىمىزدە بولۇپ، ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.