ئالماتادا ئۇيغۇرشۇناس ئالىمە يۇلىيا بارانوۋا ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.01.11
uyghurshunas-yuliya-baranowa-305.jpg ئۇيغۇرشۇناس ئالىمە يۇلىيا بارانوۋا ياش مەزگىلى.
RFA/Oyghan

8-يانۋاردا ئالماتا شەھىرىدە مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىمە، تارىخچى يۇلىيا بارانوۋا 90 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىگىلىشىمىزچە، ي. بارانوۋا دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر 1992-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە قۇرۇلغان شەرقشۇناسلىق مەركىزى، ئاندىن شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت بىر قاتار ئەمگەكلەرنىڭ ئاپتورىدۇر.

تونۇلغان قازاقىستانلىق ئالىمە، تارىخچى رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ي. بارانوۋا مەشھۇر ئالىم، ئۇيغۇر تارىخى ۋە فىلولوگىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋېنىيامىن يۇدىننىڭ رەپىقىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى پەقەت قازاقىستان شەرقشۇناسلىق پەنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىشتۇر.

ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى ر. كەرىموۋا ي. بارانوۋا بىلەن دەسلەپ قېتىم 1979-يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكەن بىرىنچى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان پەيتىدە ۋ. يۇدىننىڭ ئۇلارغا دەرس بەرگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ۋ. يۇدىننىڭ ئۆز ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ۋ. يۇدىن شەرقشۇناسلىق پېنىگە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئارقىلىق كەلدى. ئۇ 1950-يىلى ن. نارىمانوف نامىدىكى موسكۋا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ «شىنجاڭ بۆلۈمى» نى تاماملاپ، مەشھۇر پروفېسسور، تۈركشۇناس ۋلادىمىر ناسىلوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر فىلولوگىيىسى» مۇتەخەسسىسلىكى بويىچە ئاسپىرانتۇرىدا ئوقۇدى. كېيىن ئۇ قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيىسىدە ئەمەلىي سەپەردە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئىگىلەپ چىققان ئىدى. ئالىم 1955-يىلى ئالماتاغا كېلىپ، قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تىلى تارىخى، ئۇيغۇر فولكلورى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەنلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1960-يىلدىن باشلاپ قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ، ئارخېيولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ، ‹15-ۋە 18-ئەسىرلەردىكى قازاق خانلىقلىرى تارىخى بويىچە ماتېرىياللار› ناملىق ئەمگەكنى نەشر قىلىش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشقان ۋ. يۇدىن مەزكۇر تەتقىقاتقا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بويىچە تەتقىقاتلىرىنى، شۇ جۈملىدىن، ‹تەزكىرەئى غوجا مۇھەممەد شەرىف›، ‹تارىخى شاھ ماھمۇد چوراس›، ‹تارىخى قاشغەر›، ‹ئىسلامنامە› ۋە ‹تارىخى ئەمنىيە› ئەسەرلىرىنى كىرگۈزدى. ۋ. يۇدىن ئىنستىتۇتتا ئىشلەپ يۈرگىنىدە قازاق خەلقىنىڭ تارىخى بويىچە ماۋزۇنى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئېلىپ باردى، يەنى تارىخ ۋە فىلولوگىيە يۆنىلىشلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي قوليازما مىراسىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان سەكسەندىن ئوشۇق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ ئاپتورىدۇر.»

ر. كەرىموۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ۋ. يۇدىن 1983-يىلى 55 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە سەپدىشى ي. بارانوۋا ئۇزۇن يىللار مابەينىدە مەرھۇمنىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئەمگەكلىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى ي. بارانوۋانىڭ پىداكارانە ئەمگىكى ئارقىسىدا ۋ. يۇدىننىڭ «چىڭگىزنامە» ۋە تاللانغان ماقالىلەر توپلىمى ئوخشاش ئەمگەكلىرى «14-ۋە 18-ئەسىرلەردىكى مەركىزىي ئاسىيا شەرقشۇناس نەزىرىدە» ناملىق ئەمگەك بولۇپ نەشر قىلىندى. ي. بارانوۋانىڭ تەشەببۇسى بىلەن شۇنداقلا 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ شەرقشۇناسلىق مەركىزىدە ۋ. يۇدىن خاتىرىسىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. مۇنداق يىغىنلار شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا مۇشۇ كۈنگىچە داۋام قىلماقتا.

رادىيومىز زىيارىنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋا ئۆزىنىڭ 1998-يىلى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىدا مەزكۇر ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى كوممۇنار تالىپوفنىڭ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرشۇناسلىق يۆنىلىشىدە مەنبەلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھاجەتلىكىنى ئېيتىپ، مۇسا سايرامىنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىن، مەركىزىي ئاسىيا تارىخى بويىچە بىر قاتار مەنبەلەر بىلەن يېقىندىن تونۇشۇپ چىققانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ئەمگىكىنى تاللاپ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى. «ي. بارانوۋانىڭ مەن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىنستىتۇتنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن تونۇشتۇم. ئۇ ماڭا شۇ چاغدا سانكت-پېتېربۇرگتا ساقلىنىۋاتقان «تارىخى ئەمىنىيە» قوليازمىسىنىڭ مىكرو فىلىمى ۋە فوتو نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. بۇ ماتېرىياللار مېنىڭ كېيىنكى ئىشىمدا زور رول ئوينىدى. ي. بارانوۋا شۇ ساھەنىڭ يېتۈك مۇتەخەسسىسى رېتىدە مېنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىمگە ئايلاندى. ئۇ ماتېرىيال جەھەتتىن كۆپ ياردەم كۆرسەتتى. ي. بارانوۋا ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستان مەنبەشۇناسلىقى، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەنبەشۇناسلىقىدا ناھايىتى كۆپ تۆھپە قوشقان ئالىملارنىڭ بىرى.»

ز. كەرىموۋانىڭ پىكرىچە، ي. بارانوۋا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان تارىخى مەنبەلىرى بويىچە شۇغۇللىنىپ، بولۇپمۇ سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە بىر قاتار ماقالىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان ئالىمدۇر. ئۇ شۇنداقلا سەئىدىيە مەملىكىتىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدىن تاشقىرى، 18-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا غوجىلار سۇلالىسى ئەۋلادلىرىنىڭ باسقۇنچىلارغا قارشى يۈرگۈزگەن كۈرىشى ھەققىدىمۇ پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن تەتقىقاتچىدۇر.

مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ مەنبەشۇناسلىق ساھەسىدە ساۋۇت موللائۇدوف، باتۇر ئەرشىدىنوف، مۇنىر يېرزىن، ئابلەھەت كامالوف، دىلشات رەيھانوف قاتارلىق ئالىملار ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ئەمگەكلىرىنى ھەر خىل نەشرلەردە ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.