مۇتەخەسسىس ئارزۇگۈل توكيودا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۆزلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.11.21
doktor-arzugul-xanim-uyghur-budda.JPG ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئارزۇگۈل خانىم «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى. 2013-يىلى 17-نويابىر، توكيو.
RFA/Qutluq

11-ئاينىڭ 17-كۈنى توكيودا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئارزۇگۈل خانىم «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.

بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى ئالىمى كۇمىراجىۋا ۋاپاتىنىڭ 1600 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇمىراجىۋانى خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

كۇمىراجىۋا بۇددا تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىرى، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە تەرجىمە قىلغان 74 توم 384 جىلدلىق بۇددا نومى ئەقىل-پاراسەت ئۇچقۇنىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئۇ بۇ تۆھپىسى بىلەن دۇنيا بۇددا دىنى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

بۇددا دىنى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سەنئەت پارچىسى بولۇپ، بۇ دەۋرىدە مىسلىسىز گۈزەل-سەنئەت تام رەسىملىرى، ناخشا-ئۇسسۇل، كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋاب قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر مەيدانغا كەلگەن.

يىپەك يولىدىكى كۇچار، تۇرپان، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر ئۆزىدە ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان بۇددا دىنى ئىزنالىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

ھازىر كانادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بۇددا دىنى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئارزۇگۈل خانىم ياپونىيەدىكى بىر قىسىم بۇددا دىنى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن مېھمان سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

دوكلات توكيو بۇنكيو سىبېك كېنتەدە ئۆتكۈزۈلدى. دوكلاتقا بىر قىسىم يىپەك يولى تەتقىقاتچىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان ۋە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقاللىرىنى ئېلان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر تارىخى ھەۋەسكارلىرى ئىشتراك قىلدى.

دوكلات كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە يىپەك يولى كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى شىرايشى ئەپەندى بۈگۈنكى دوكلات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-كانادادىن كەلگەن ئۇيغۇر بۇددا دىنى مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئارزۇگۈل خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىشى، ياپونىيەدە تۇنجى قېتىملىق ئىش. شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى دوكلاتنى ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولغان ساتو ئەپەندى بۈگۈنكى دوكلاتتىن كېيىنكى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە ئائىت دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مانىي، شامان، بۇددا ۋە ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت تۈرلۈك دىنلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ ھازىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە بەزى بىر بۇددا مەدەنىيىتىگە ئائىت تەرەپلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشتا تولىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمەن.

مۇتەخەسسىس ئارزۇگۈل خانىم ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېتىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى بولۇپ،ئۇ، 1998-يىلى ياپونىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ياپونىيەدە بىر قانچە يىل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

ئارزۇگۈلنىڭ قېتىرقىنىپ تىرىشىش ئارقىسىدا رەتلەپ نەشرگە تەييارلىغان «ياپون تىلىدىن ئاساس» دېگەن كىتابى ئۇيغۇر ئېلىدا 2000-يىلى نەشر قىلىنىپ، كەڭ ياپون تىلى ئۆگەنگۈچى ھەۋەسكارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈنكى دوكلاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ قارىشىچە، مۇتەخەسسىس ئارزۇگۈل خانىم ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتىدا 2002-يىلى بىشكەكتە رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق كىتابى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى چەككەن، مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور ئابدۇرەھىم تۇرسۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بۇددىزمغا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەلدىكى ئىككىنچى ئۇيغۇر ھېسابلىنىدىكەن.

بىز دوكلات ئاخىرىدا ئارزۇگۈل خانىم بىلەن ئۇنىڭ تەتقىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.