ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش دولقۇنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر دوپپىسى.
ئۇيغۇر دوپپىسى.
Social Media

ئۇيغۇر ئاممىۋى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى 2009-يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى 5-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە سىرتىدا ھەر خىل يوسۇنلاردا تەبرىكلەپ كېلىنمەكتە، ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى ئاممىۋى يوسۇندا بەلگىلىگەن مەزكۇر ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدىكى ئىزدىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئۇنى ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىدىكى ئەمەلىي نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.

دەرۋەقە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنى ئۇيغۇرلاردىكى دوپپا كىيىش، قوللىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش، مەخسۇس تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش بارا-بارا ئومۇملىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يات مەدەنىيەتلەر قورشاۋىدا ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى يوقاتماي، ئۆز مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلىشىغىمۇ تۈرتكە بولماقتا. 

يېقىنقى يىللاردىن چەت ‘ئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي دوپپىلىرىنى ھېيت بايراملاردا، نامايىشلاردا، ئۆزلىرى قاتناشقان ئاممىۋى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، تەشۋىقات ھەتتا ئىلمى سورۇنلىرىدىمۇ كىيىشنى ئۇنتۇمايدىغان كەيپىيات شەكىللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. قىسقىسى، دوپپا بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يارقىن سىمۋولى بولۇپ قالغان. 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى ھەققىدە مەخسۇس قىسقا فىلىملارنى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرۇۋاتقان، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم، ئۆزىنىڭمۇ بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سۆيگۈسىنىڭ كۈچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھمىيەتلىك بايرامدا ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

زۇلھايات خانىم يەنە دوپپا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك سىمۋولى بولۇشتەك ئالاھىدە ئورنى بىلەن تەڭ دەۋرىمىزدە دوپپا كىيىشنىڭ خاس بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغان بىر دەرىجىگە كېلىشى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش، دوپپىلىرىنى ئەزىزلەپ كىيىش، دوپپا مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈنمۇ دوپپا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىغا ئۇيغۇر كىملىكى، مىللىي تەۋەلىكى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئىككى كۈندىن بۇيان نورۋېگىيەدىكى ئەقىدە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا تەبرىكلەپ نورۋېگ دوستى ئەستىرگە، ئۇيغۇر دوپپىسىنى سوۋغا قىلغانلىقىدەك سىن كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرۈپ كۈچلۈك ئالقىش قوزغىغانلىقى مەلۇم.

بىز ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ، بىر باش كىيىمى ۋە مەدەنىيەت بۇيۇمىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئېسىل سوۋغات بولالايدىغانلىقىدەك قىممىتىنى تونۇپ يېتەلىگەن 8 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئانىسى شەرىپە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. 
ئەقىدە چىمەن دوپپىغا بەك ئامراق بولۇپ 3 دانە قىممەتلىك دوپپىسىنىڭ بىرىنى ئۆزىنىڭ يېقىن دوستىغا سوغا قىلىش ئارقىلىق چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى ئويلاپ تاپقان ئىكەن. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇ ئوقۇغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. ئەقىدەنىڭ ئانىسى شەرىپەنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا دوپپا ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىش ئومۇملاشقان، ھەر ھەپتە ئاخىرى بالىلار دەرسكە چوقۇم مىللىي كىيىملىرى ۋە دوپپىلىرىنى كىيىپ كېلىشىدىكەن. بۇ ھەپتە ئاخىرى يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بىر كۈنلۈك دەرس ۋە پائالىيەتلەر ئۇيغۇر دوپپىسىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلماقچى ئىكەن.

چەتئەللەردىكى، جۈملىدىن تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە كۇرسلىرىدىمۇ بالىلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي دوپپىلىرىنى كىيىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە، فېستىۋاللارغا قاتنىشىشىمۇ يىلدىن يىلغا ئومۇملاشماقتا.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، جۈملىدىن قازاقىستاندىكى زور ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار كۆپ يىللىق سوۋېت ۋە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ياشلار ئاساسەن دېگۈدەك رۇس تىلىنى قوللىنىدىغان ئەھۋاللار شەكىللەنگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش، ئۇيغۇر مىللىي دوپپىلىرىنى ۋە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، تويلار، سەنئەت ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن. مەسىلەن، ياشلارنىڭ «دوپپالايف» گۇرۇپپىسى ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرى، دوپپىلىرىنى كىيىش، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە قوغداشنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىقات قىلماقتا.

نورۋېگىيەدىكى شەرىپە خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت ئىدىيىسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە ئەۋلادلارغا، دوپپا ۋە دوپپا بايرىمىدەك مەدەنىيەت بايراملىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ مىللىي كىملىك تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى گەرچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تەرغىب قىلىۋاتقان، بىرەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېخىچە رەسمىي بايرام سۈپىتىدە بېكىتىلمىگەن، ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ئاممىۋى خاراكتېرلىك بايرام بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بارغانچە كەڭ ئومۇملىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش دولقۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

تولۇق بەت