قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان يازغۇچىلار تۆھپە قوشقان ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاشكەنت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەركىزى بولۇپ كەلگەن.
بۇ سۈرەتتىكىلەر 20-ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ياشىغان ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى. سولدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان ئالىم ۋە شائىرلاردىن، شائىر روزى قادىرى، ئاكادېمىكلەر يارمۇھەممەد مۇبارەكوف ۋە مۇرات ھەمرايېف.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاشكەنت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەركىزى بولۇپ كەلگەن. بۇ سۈرەتتىكىلەر 20-ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ياشىغان ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى. سولدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان ئالىم ۋە شائىرلاردىن، شائىر روزى قادىرى، ئاكادېمىكلەر يارمۇھەممەد مۇبارەكوف ۋە مۇرات ھەمرايېف.
RFA/Oyghan

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاپ، ئىجاد ئەتكەن كۆپلىگەن ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئەدەبىيات 70 يىل مابەينىدە كۆپ مىللەتلىك سوۋېت ئەدەبىياتى تەرىپىدە راۋاجلانغان بولسا، 1991-يىلدىن كېيىن، يەنى قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ ئاجرالماس قىسمى سۈپىتىدە تەرەققىي ئەتتى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا كۆپلىگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مىللىيلىكىنى ساقلاپ قالالىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 50- ۋە 60-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا بىر تۈركۈم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ كۆچۈپ چىقىشى سەۋەب بولغان ئىكەن.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئاۋۇت مەسىموفنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن يوقىتىشلارنى، ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يوشۇرىدىغىنى يوق، قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلىنىدۇ. يەنى، يەتتىسۇدا كېڭەش ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىشى ۋە سوۋېت ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتىگە سىڭىشى بىلەن باغلىق. شۇ يىللىرى مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەنە شۇ تۈزۈمنى مەدھىيەلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلدى. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە قەدىمىي خەلقنىڭ تارىخىنى، باي مەدەنىيىتىنى، خىلمۇ-خىل ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى تەسۋىرلەشنى كۈن تەرتىپىدىن ھېچ قاچان چۈشۈرمىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ 40-يىللىرى كېڭەش ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ سانى بەكمۇ قىسقىرىپ كەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، ھەقىقەتنى ئېيتساق، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكى بولامدۇ؟» دېگەن گۇمانلىق پىكىرلەرمۇ شەكىللەنگەن ئىدى. لېكىن 50- ۋە 60-يىللىرى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن بىر تۈركۈم يازغۇچىلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشى بىلەن ئەھۋال تامامەن ياخشىلىنىشقا باشلانغانلىقى ھەقىقەت.»

ئاۋۇت مەسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان دولقۇن ياسىن، خېلىل ھەمرايېف، يەھيا تايىروف كەبى ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ تەۋەللۇتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتىكەن.

ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان زىيالىيلارنىڭ پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، ئىلىم-پەنىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ۋە تېخىمۇ بېيىشىغا سالماقلىق ھەسسە قوشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېيىنرەك قازاقىستاننىڭ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلىرىغا، ئاتاقلىرىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىمۇ كۆپلەپ سانىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاۋۇت مەسىموف شۇلارنىڭ بىرى شائىر دولقۇن ياسىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «مەن دولقۇن ئاكىنىڭ ئانا ۋەتەن تۇپرىقىدا نۇرغۇنلىغان تەقدىر قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن ئەمەس، دوستلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاڭلىغان. بىلىم ئېلىش نىيىتىدە كېڭەش ئىتتىپاقىغا كېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تىرىكىدە ئونلىغان يىللار ئۇلارنى كۆرۈشكە زار بولۇپ، سېغىنىش ئىلىكىدە يۈرگەنلىرىدىن خەۋەر تاپقانمەن. يەنە بىر ئاڭلىغىنىم، دولقۇن ئاكىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسىدا ئەيسا نەزەروف دېگەن ئاغىنىسى بولغان ئىكەن. مەن ئۇ كىشىنى تونۇيتتىم. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلىپ، تارىخ پېنىدىن دەرس بېرىدىغان. كېيىن بىلسەم، ئەيسا ئاكىمىز دولقۇن ئاكا بىلەن ۋەتەندىن تارتىپ تونۇش، ھەتتا تونۇلغان ئالىم مۇرات ھەمرايېف ئۈچى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىمۇ بىللە پۈتتۈرگەن قەدىناس دوستلار، ئاجرالماس ئاغىنىلەر بولغان ئىكەن. مەن 1970- ۋە 80-يىللىرى ئالمۇتادىكى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئىشلەپ يۈرگىنىمدە تەھرىراتقا كۈنىگە يىگىرمە ئادەم يولۇقسا، قىزىق يېرى، ئۇلارنىڭ يېرىمى دولقۇن ئاكىنى ئىزدەپ كېلىدىغان. ئىسمى رىۋايەتكە ئايلانغان غېنى باتۇر، خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى، يىگىرمە سەككىز يېشىدا فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئاتالغان مۇرات ھەمرايېف، داڭلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامىياروف شۇلار جۈملىسىدىندۇر.»

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدىكى گۇمانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى ھاكىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاتاقلىق شائىر خېلىل ھەمرايېف ياركەنت تەۋەسىدىكى جېلىيۈزى، يەنى ھازىرقى پەنجىم يېزىسىدا 1928-يىلى تۇغۇلۇپ، بۇ يەردىكى كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن خېلىل ھەمرايېف ئىلى گىمنازىيەسىنى تاماملاپ، مەكتەپلەردە تىل ۋە ئەدەبىياتتىن مۇئەللىملىك قىلغان. ئاندىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلى ۋىلايەتلىك تىياتىرنى، غۇلجا شەھەرلىك كىتابخاننى باشقۇرغان. ئۇ 1956-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. خېلىل ھەمرايېف ئۇزۇن يىللار «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە، ئاندىن مەكتەپلەردە ئىشلىگەن. ئۇ ئۆز يۇرتىنى قاتتىق سۆيگەنلىكتىن، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى پەنجىم يېزىسىدا ئۆتكۈزگەن ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خېلىل ھەمرايېف شەخس سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا 40-ۋە 50-يىللىرى ۋە كېڭەش ئېلىدىكى 60-ۋە 70-يىللىرى يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ھادىسىلەر مۇھىتىدا قېلىپلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شۇ يىللارنىڭ ئاساسى بولۇشى، شۇ دەۋرلەردىكى ئىجادىي-ئېستېتىكىلىق يۆنىلىشلەرنى يارقىن ئىز-تامغىسىنىڭ ئورۇن ئېلىشى تەبىئىي. ئۇنىڭ شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگىچىلىكى يېڭى ئوي-پىكىرگە ئىنتىلىش، جاراڭلىق جاكارلاشتىن قېچىش دەپ ئېيتىشقا تولۇق ئاساس بار.»

ھاكىمجان ھەمرايېفنىڭ تەكىتلىشىچە، خېلىل ھەمرايېف قازاقىستاندا خەلق ئىچىدە «دېھقان شائىر»، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسا، «ئۆسەك غەزەلخانى» دەپ نام ئالغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر شائىرى ئىكەن.

م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىدىيە، روھىي جەھەتتىن يېڭىلىنىشقا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزدە ئىجتىمائىي سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىمىزنى تەنقىدىي كۆز قاراشتا تونۇش بەرپا بولدى. ئۇلار بىزگە يېڭى مەزمۇن، يېڭى شەكىل ئېلىپ كەلدى. ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرىمىز ئۆزگەردى.»

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان يازغۇچىلار قازاقىستاندىكى ئاھالىدە چوڭ ئويغىنىش ھاسىل قىلغان ھەمدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىياتقا تەسىر قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئېنىقلاش، ئۆگىنىش ئالىملارنىڭ كېلەچەك تەتقىقاتلىرىنىڭ بىر يۆنىلىشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت