ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدىكى «يۇرتسىز» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.05.15
yurtsiz-namliq-filimdin-korunush.jpg ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدىكى «يۇرتسىز» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىن كۆرۈنۈش.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىملارمۇ ئىشلىنىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «يۇرتسىز» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 6-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ئافيون ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا «يۈجەل چاقماقلى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا» ئېرىشكەن. كېرىم ئابانوز ئەپەندى، مارال ناجافلى خانىم ۋە مەمەت جانسىز ئەپەندى بىرلىكتە ئىشلىگەن 2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەسى بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم يېقىندا تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيەسى ت رت نىڭ مۇسابىقىسىگىمۇ قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم قەيسەرىدىكى 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇرۇۋاتقان ئائىلە قورۇسى ئىچىدە تارتىلغان بولۇپ، فىلىم ئاتقا مىنگەن بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئارقىدىن ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىنىڭ زىمىستان قىش كۈنى ئۈستىگە يېلىڭ كىيىنگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قېلىن قاردا مەكتەپكە كېتىۋاتقان، مەكتەپكە بارمىغان كىچىك بىر بالىنىڭ ئانىسىغا ياردەم قىلىپ دېرىزە سۈرتۈۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلىدۇ.

بىز فىلىم ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن فىلىمنىڭ رېژىسسورى، بىسان فىلىم ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەۋاتقان مارال ناجافلى خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

«بۇ فىلىمنى ئىشلەش فىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، پەلەمپەينىڭ ئاستىغا كىچىك بىر قۇتۇنى قويۇپ ياردەم يىغىۋاتقانلارنى كۆردۈم. ئۇلار ئالدىغا قويغان بىر قەغەزگە ‹قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىر بالىلار ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرى ئىئانە قىلىڭ› دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. قەيسەرىدە بۇنچىۋالا ئۇيغۇر بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىزدەندىم. تور بەتلىرىدىن بەك ئاز مەلۇمات تاپتىم. كېيىن ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان قورۇ-جاينى تېپىپ، ‹يۇرتسىز› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشكە باشلىدىم».

«ھۆرمەتلىك مارال ناجافلى خانىم بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ 24 مىنۇتلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلىم. مەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى ھەر قېتىم زىيارەت قىلغىنىمدا ئوخشىمايدىغان ھېكايىلەر چىقتى. قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان قورۇ-جايدا 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇلار ئىچىدە 600 ئەتراپىدا كىچىك بالا بار ئىدى. بىرىنچى قېتىم بارغىنىمىزدا بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئاڭلاپ، بۇنىڭدىن بەك ئېچىنىشلىق ئىش بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايتتۇق. ئەتىسى بارغىنىمىزدا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھېكايە ئاڭلايتتۇق. ھەر بارغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ يۇرتىدا، يوللاردا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ئاڭلاپ چىدىيالماي قالاتتىم. فىلىمنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېتىپ كۆز يېشىمنى تۇتالماي يىغلاپ سالغان چاغلىرىم بولدى. قىسقىسى فىلىمدا مۇساپىر ئۇيغۇرلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى كۆرسىتىشكە تىرىشتۇ».

«ھۆرمەتلىك مارال جانافلى خانىم سىز ئىشلىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 6-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك ئافيون ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى قانداق؟ » دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆججەتلىك فىلىمگە قىزىقىش بەكلا يۇقىرى ئىدى. زال تولدى. كۆرگۈچىلەر بەك تەسىرلەندى. بىز ئۇلاردىن تەسىراتىنى سورىغىنىمىزدا بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى، بۇلاردىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى دېيىشتى. ئۇلار تۈركىيەدە بۇنداق مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ فىلىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلاردىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋەردار بولغان بولدى».

بۇندىن كېيىن قايسى فېستىۋاللارغا قاتناشماقچىسىلەر؟ دېگەن سوئالىمىزغا مارال جاناپلى خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى؛ «فىلىمىمىز 6-مايدا ئافيوندا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 14-مايدا ت ر ت فىلىم فېستىۋالىدا كۆرسىتىلىدۇ، بۇنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. كېيىن باشقا فېستىۋاللارغىمۇ ئەۋەتىمىز. قانچە كۆپ فېستىۋالدا كۆرسىتىلسە شۇنچە كۆپ ئادەم كۆرىدۇ. بۇ شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرگەن بولىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا خەلقئارا فىلىم فېستىۋاللىغىمۇ قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەرمىز».

بىز «يۇرتسىز » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن ھازىر قەيسەرىدە تۇرۇۋاتقان فارۇق ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، ئۇ، فىلىمنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشى، يۇرتسىزلىقتىن تۈپەيلى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە 1954-يىلى ۋە 1964-يىلى ئىككى قېتىم گۇرۇپپا ھالىدا كۆچكەن بولۇپ، 2014-2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى« 3-قېتىملىق تۈركىيەگە كۆچۈش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆچۈش ھەققىدە تۈركىيەدە كىتاب ۋە ماقالىلەرمۇ نەشر قىلىندى. 2009-يىلى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيەسى ت ر ت ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى، ت گ ر ت تېلېۋىزيەسى بولسا 1954-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئاكلپتېكىن ۋە مەمەتئىمىن بۇغرالار باشچىلىقىدىكى كۆچ-كۆچ بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىملارنى ئىشلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.