دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا: ئۇيغۇر كىملىكىمىز ۋە ئانا تىلىمىز ھەققىدە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.05.03
mettursun-beydulla-ziyaret.jpg تۈركىيە فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2016-يىلى ئاپرېل، بېرلىن.
RFA/Qutluq

يېقىندا گېرمانىيەنىڭ مەركىزى بېرلىندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە كۆپلىگەن يېڭى قاراشتىكى ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى ئوقۇپ كەڭ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مانا بۇ يېڭىچە قاراشتىكى ماقالىلەرنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، تۈركىيە فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا «مۇھاجىرەتتىكى كىملىكنى ساقلاپ قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسى بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا ئالدى ئۆزىنىڭ ماقالىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكۇر ماقالىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەتقىقاتلىرى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا تۈركىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ ۋەتەنگە قايتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن توسالغۇلارغا ئۇچراپ خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆز يۇرتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتايدىكى شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.